باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىشنى باشقۇرۇش يېڭى چارىسى 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2015.01.29 16:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىشنى باشقۇرۇش يېڭى چارىسى»نى ئېلان قىلدى ھەمدە 2015-يىلى 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى، شەخسىلەر سېتىۋالغان ئاپتوموبىل تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى. ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى باج تاپشۇرۇش ئىلتىماسىنى بېجىرىش قولايلىق دەرىجىسى ۋە باج تاپشۇرۇش مۇلازىمەت سەۋىيەسىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، شۇڭا دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى باج يۈكىنى يەڭگىللىتىش، باجنى ئۇچۇر ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، باج ئېلىش باشقۇرۇش تەرتىپىنى سەرخىللاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، باج تاپشۇرغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئاساسىي قاتلام باج ئورگانلىرى دىققەت قىلىۋاتقان، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولۇۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىش باشقۇرۇش تۈزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى تاپشۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىش باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىش باشقۇرۇشنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىش باشقۇرۇشنىڭ ئومۇمىي باج ئېلىش باشقۇرۇش ئەندىزىسى بىلەن يۇغۇرۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر