باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتى(2)

2013.11.25 11:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قارىتا ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچى دائىرىسىدە رۇسىيىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى، بۇ ئىتتىپاق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنى ئاساس قىلدى.

  جۇڭگو ئوتتۇرغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىسادنى بىرلەشتۈرىدۇ. چۈنكى يىپەك يولى قەدىمكى زاماندا يىپەك ۋە چاي مەھسۇلاتلىرىنى ئاسىيادىن ياۋروپاغا يۆتكەيدىغان يول بولۇپ، بۇنىڭغا كۆپلىگەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەزمۇنلىرى سىڭدۈرۈلگەن. ھازىرقى ئىقتىسادى بەلۋاغ تەسەۋۋۇرىدا جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئارقىلىق پۈتكۈل ياۋروپا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي بەلبېغىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ يېڭى تەسەۋۋۇردا جۇڭگونىڭ كەڭ قۇرساقلىق بىلەن تەرەققىي قىلىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەرەققىي قىلىشتەك پوزىتسىيەسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى رامكىسى ئاستىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئۆز ئارا ھەمكارلاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنى سىرتتا قالدۇرمىغان يېڭى يىپەك يولى پىلانىنى شەكىللەندۈرىدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرغا قويغان يېڭى قاراشتا، يىپەك يولى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆزلەشكۈچى شېرىك دۆلەتلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر پەرقلىق، رىقابەتلىك ھەمدە ماسلاشقان كەڭ قۇرساقلىق تەرەققىياتنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ئېيتقاندا، رۇسىيە ئوتتۇرغا قويغان ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقى، ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلەشتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كىرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاشتىن ئىبارەت. جۇڭگو ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ رايون جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگومۇ، بۇ رايوندا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق غەربى قىسىم رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادا تۈرلۈك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شەكىلى ئارقىلىق، پۈتكۈل ئالاقىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا.

  جۇڭگونىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى - ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قانداق رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە؟. جۇڭگونىڭ مۇنداق بەش چوڭ ئۈستۈنلۈكى بار. 1- تەرەققىيات قارشى ئۈستۈنلۈكى. رۇسىيىنىڭ ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقى، ئامېرىكىنىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى ئومۇميۈزلۈك، شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمالنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، ئەگەر تەرەققىي قىلىدىغان بولسا، 3 مىليارد كىشىگە نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو رايونغا يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقى، كۈچ دائىرىسىنى ئورنىتىش ئۇستىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقىنى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. شۇڭا، جۇڭگو ئوتتۇرغا قويغان يېڭى قاراش رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولۇپ، كەڭ قورساقلىقى كۈچلۈك. 2- جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەت ئورتاق چېگرىغا ئىگە بولۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. 3- ئەنئەنىۋى ئۈستۈنلۈككە ئىگە. قەدىمى يىپەك يولى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بولۇپ، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشدەك دولقۇن ئاستىدا، يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبىغىنىمۇ كۆپچىلىك ئاسان قوبۇل قىلالايدۇ. 4-تاشقى كاۋكاز رايونىدىكى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنىڭ كاۋكاز رايونى كارىدورىغا سوزۇلۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. 5- مەبلەغ ئۈستۈنلۈكى گە ئىگە. يېرىم يىل ئىچىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشتى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى. ئۆزبىكىستاننى مىسال قىلساق، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى توختاپ ئىمزالىدى. ئاساسىي مۇئەسسئەسسە جەھەتتە، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان تاش يول، تومۇر يوللىرىنى ياسىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بۇنى رۇسىيەمۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.

  جۇڭگونىڭ ئۈستۈنلۈكى دە ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى جۇڭگونىڭ زور ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بولدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش كۈچىنى زورايتىشنى ئۈمىد قىلماقتا، ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، ئالاقىدار چوڭ تۈرلەرگە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مەبلەغ سالماقتا، جۇڭگو، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ بانكىسىنى قۇرۇشقا يەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىيات بانكىسىنى قۇرۇشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنداق بىر پۇل مۇئامىلە ئورگىنى ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىشنى ئوتتۇرغا قويدى. ھازىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرەققىيات بانكىسى قارالمىلارنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى. بىراق مەبلەغ سېلىش ھوقۇقى، سۆز قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭىشىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .

  يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بىر قەدەر مۇقىم بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىياتى ياخشى سىياسىي مۇناسىۋەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەر ئىقتىسادى جەھەتتە بىر بىرىنى تولۇقلىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ بىر ئاكتىپ، ساغلام كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قاتنىشىشىنى ۋە بىر تەڭپۇڭ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

  ئۇنداقدا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قانداق رىقابەت ئۈستۈنلۈكى ۋە كەمچىلىكى بار؟.

  ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئامېرىكا ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئويلىشىش بولىدۇ. قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەڭ گەۋدىلىك بولىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئافغانىستان بىلەن جەنۇبىي ئاسىياگە قوشنا بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ئىزچىل تۈردە كەسكىن بولۇپ كەلمەكتە. 2014- يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كىيىن، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدلىنىشكە بولماي قالدى. ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئامېرىكا بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىش، جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۇستىدە ئويلىشىدۇ.

  رۇسىيە ئىزچىل تەردە جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكى ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تىلغا ئىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىر قەدەر كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە. بىراق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىگە بىر خىل ئۈمىدسىز قاراشلار يوشۇرۇنغان. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : ياۋروپا ئاسىيا ئىتتىپاقى رۇسىيىنىڭ كۈچىگىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاللىشىغا باغلىق. بۇ دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغىنىغا 20 يىل بولدى، ئۇلارنىڭ قايتىدىن بىر ئىتتىپاق تەشكىللەشنى خالاش-خالىماسلىقى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈنچى مۇساپىگە ئۆتكۈزۈشنى خالاش خالىماسلىقىنى يەنىلا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ.

  ئامېرىكا ئوتتۇرغا ئاسىيا رايونىغا ناھايىتى كۆپ ئارىلىشىشىتىكى ئاساسلىقى سەۋەب ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يۈرىكى بولۇپ، شىمالى رۇسىيە ، غەربىي ياۋروپا بىلەن، جەنۇبىي ھىندى ئوكيان، پارس قولتۇقى بىلەن تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق پىلانى بىلەن ماسلىشىدۇ. ئامېرىكا كۈچلۈك دۆلەتلىك تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇپ، مەيلى قايسى دۆلەت بولسۇن ئامېرىكا ئامىلىنى ئالدى بىلەن ئويلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىغا ئىگە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بارلىق چوڭ دۆلەتلەر تەڭپۇڭ دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا، بۇ ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى.بۇندىن باشقا يەنە بىر نۇقتا، ئامېرىكىنىڭ مالىيە كۈچى كۈچلۈك، گەرچە يەر شارى پۇل مۇئامىلە كرىزىسقا يولۇققان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۆزىنىڭ كۈچىنى ساقلاپ قالدى. ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھەربىي ئىشلار خادىملىرىنى تەربىيىلەشكە كۆپ مەبلەغ سالدى. بىراق ئامېرىكىنىڭ رىقابەت جەھەتتىكى ئاجىزلىقىمۇ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئارىلىقى يىراقلاشتى، بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىمسىزلىق ئىچىگە كېرىپ قالدى. مەسىلەن، ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان، ئامېرىكا بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىياگە كىردى، رۇسىيە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرگە كېرىشدىن ئەمدىشە قىلدى، بىراق جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى بىر تەبىئىي جەريان. مەسىلەن، قازاقىستاندىن جۇڭگوغىچە بولغان نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇش باشلانغاندا، رۇسىيە ئانچە رازى بولمىغان ئىدى، كىيىن جۇڭگو قازاقىستان نېفىت تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇپ نېفىت يەتكۈزۈشكە باشلىغاندا، رۇسىيەمۇ بۇ تۇرۇبا يولىدىن جۇڭگوغا نېفىت يەتكۈزۈشكە باشلاپ، بۇ تۇرۇبا يولىنىڭ رۇسىيەگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىقىغا ئايلانسا، ياخشى ئىش ئەمەسمۇ. گەرچە رۇسىيە يەنىلا بۇنىڭدىن ھوشيار ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ. بىراق بىر قىسىم تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش جەھەتتە، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەمكارلىقى بارغانسېرى كېڭەيدى، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ھەمكارلىق نۇقتىسى كۆپەيدى، مەسىلەن، سۇرىيە مەسىلىسى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسى قاتارلىقلار. بۇمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەردىكى كۆز قارشىنى ئاجىزلاشتۇردى.

  جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قانداق خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ؟

  يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى نى يولغا قويۇلۇپ قالىدىغان بولسا، بۇ، بۇ رايونىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە خادىملارنىڭ ئالاقىسىغا تۇرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تىنچ ، مۇقىم، گۈللەنگەن ئىناق رايون بەرپا قىلىشقا، ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىشكە پايدىلىق بولىدۇ.

  بىراق جۇڭگو بۇ رايوندا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندىكى دۆلەتلەر، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتەك ئەڭ چوڭ خىرىسقا يولۇقماقتا. چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەر بۇ رايوننىڭ خوجايىنى، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە جۇڭگو بىرلا ۋاقىتتا بۇ دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، پايدىسىنىڭ بىرىكىشى، زىددىيەتلىرىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدە يۇقىرى ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىغا موھتاج بولۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى بىرىكتۈرۈش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. 2- خىرىس، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، جۇڭگو بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۆز ئارا چۈشىنىشنى قانداق كۈچەيتىشى كېرەك؟. بۇنىڭدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۆز ئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش پىلانىنى قانات يايدۇردى. 3- خىرىس توغرا مەنپەئەت قارشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئىلىشتا چىڭ تۇرۇش. تەرەققىياتدا بىراقلا ئىلگىرلەشكە بولماستىن، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنىمۇ مۇۋاپىق ئويلىنىش كېرەك . 4-خىرىس، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتكەندىن كىيىن، چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا يۈزلەندۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسىمدىكى كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ماسلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو ۋە چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك . ئاخىردا، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا رايوندا تەرەققىي قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىدىن سىرت، يەنە سەۋرى تاقات قىلىشى كېرەك . چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى تامامەن ئوخشىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئوخشىمايدىغان جايىلار بار. شۇڭا، تەرەققىياتتا بىر ئۇزاق مەزگىللىك پىلان بولۇش كېرەك.

  ھازىر، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى يەنىلا ئۇقۇم قاتلىمىدا تۇرماقتا. ھەر قايسى دۆلەتلەرنى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىغا قانداق قىلىپ قاتناشتۇرۇش بىر خىل خىرىس. ئىككىنچىدىن بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ، تېررورلۇق، ئۇچ خىل كۈچدىن موداپىئەلىنىش ، ئېنېرگىيە تۇرۇبا يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بار. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىلىپ ئېيتساق، بىخەتەرلىك 1-ئورۇندا بولۇپ، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، قۇرال ئەتكەسچىلىكى، دۆلەت ھالقىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىش، ئۇندىن باشقا، تەرەققىيات داۋامىدا مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ داۋاملىق ئويلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  بۇ رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلىپ ياخشى ماسلاشتۇرۇش جۇڭگو يولۇقۇۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىس بولماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق قىلىپ ماسلاشتۇرۇش، تۈرلۈك مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدىمۇ ئويلىنىش كېرەك .

  قىسقىسى، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى پىلانىنى ئوتتۇرغا قويۇش بىر يېڭى ئۇقۇم ۋە يېڭى تەپەككۇر بولۇپ، بۇ جۇڭگونىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا تۇرتكە بولۇش ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويغان يېڭى پىلانى. بۇ يېڭى پىلان كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، كېيىنكى قەدەمدە بۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر