باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇرشى ئارمىيە تەرەپ رەھبىرىنى سوتلاشنى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئاسىيلارنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتى دېدى

2013.11.05 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-نويابىر تۇنجى قېتىم سوتلانغان مىسىرنىڭ سابىق زوڭتوڭى مۇرشى سوتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «سوتنىڭ مېنى سوتلايدىغان ئەدلىيە ھوقۇقى يوق، ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ كاتتىبېشىنى سوتلاش كېرەك».

  سوت 4-نويابىر مۇرشىنى سوتلاشنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقىنى، كېيىنكى قېتىملىق سوتنىڭ كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۇ مۇرشىنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا ئارمىيە تەرەپتىن مەنسەپتىن قالدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئاشكارا سوتلىنىشى.

  مۇرشى سوتتا ئۆزىنىڭ ھېلىمۇ مىسىرنىڭ قانۇنلۇق زوڭتوڭى ئىكەنلىكى، سوتنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، سوتلىنىشنى رەت قىلدى. مۇرشى مۇنداق دېدى: «مەن دوكتۇر مۇھەممەد مۇرشى ، جۇمھۇرىيەتنىڭ زوڭتوڭى، مەن مىسىرنىڭ قانۇنلۇق زوڭتوڭى». ئۇ: «مەن بۇ سوتتا سوتلىنىشنى رەت قىلىمەن»، دېدى.

  مۇرشى بۇ يىل 7-ئايدا ئارمىيە تەرەپتىن مەنسەپتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىزچىل مەخپىي جايغا قامىلىپ تۇرغان. مۇرشى بىلەن بىرگە يەنە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقىنىڭ 14 ئالىي رەھبىرى سوتلانغان بولۇپ، ئۇلار مۇرشىغا قارشى نامايىشتا زوراۋانلىق قىلىشقا ۋە نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتۈشكە چېتىشلىق دەپ ئەيىپلەندى. ئەگەر جىنايىتى بېكىتىلسە، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر