باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خۇنەن تېلېۋىزىيىسى «شاد-خورام سېتىۋېلىش» بىۋاستە كۆرسىتىش پىروگراممىسى ئاۋاتنىڭ ئۆزگىچە مېۋە- چىۋىلىرىنى تونۇشتۇردى

2013.11.08 18:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 7- كۈنى، خۇنەن تېلېۋىزىيىسى «شاد خورام سېتىۋېلىش» پىروگراممىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاۋات ناھىيەسىگە كېلىپ، توققۇز سائەتكە سوزۇلغان پۈتۈن كۈن ئۈچ يۈرۈش تېلېۋىزىيە نومۇرىنى نەق مەيداندا كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە مېۋە- چىۋە مەھسۇلاتلىرىنى ھەر جەھەتتىن تونۇشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە دولان مەدەنىيتىنى نامايان قىلدى.

  بىۋاستە كۆرسىتىش پائالىيىتى دولان قەبىلە مەنزىرە رايونىدا ئېلىپ بېرىلدى. دولان مىللىيچە ئۆرپ- ئادەت پۇرىقىغا ئىگە مىللىي ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئالدىدا بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك چۈچۈمەل چىلان، كىشمىش، خەسە ياڭاق، قىزىل ئۈزۈم، ناشىكە قوغۇن، خوڭفۇشى ئالما، يۇلغۇن كاۋىپى قاتارلىق ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە مېۋە-چىۋە ئېسىل يىمەكلىكلىرى بىۋاستە كۆرسىتىلدىغان ئاساسلىق پېرسوناژ بولدى. نەق مەيداندىكى رىياسەتچىنىڭ جانلىق تەسۋىرلىشى ۋە نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ تېتىپ كۆرۈشى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سودىگەرلەر بەس- بەستە تېلېفون بېرىپ، تالىشىپ سېتىۋېلىپ، پىروگرامما باشلىنىپ بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈز توننىغا يېقىن مېۋە سېتىپ چىقىرىلدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، بىۋاستە كۆرسىتىشتە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان دېھقانلار رەسىملىرى شۇنداقلا ئەل ئىچى پېشقەدەم سەنئەتكارلىرى ئېلىپ كەلگەن دولان مۇقامى، دولان مەشرىپى قاتارلىق مىللىي ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇنلىنىپ، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە دولان مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى.

  ئاۋات تيەنچېن مېۋە-چىۋە مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى نيې باۋيىڭ مۇنداق دېدى: خۇنەن تېلېۋىزىيىسىنىڭ «شاد-خورام سېتىۋېلىش» سەھنىسى ئارقىلىق كارخانىمىز 30 توننا ئەتراپىدا چىلان ساتتى، كارخانىمىزنىڭ ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى. بىز بۇنىڭدىن كېيىن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاۋاتنىڭ مېۋە- چىۋىلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىشنى قولغا كەلتۈرىمىز. (ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر