باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پياۋ جىنخۇي ياپونىيەلىك سىياسەتۋازلارنى «تارىخنى ئېتىراپ قىلمىدى» دەپ تەنقىتلىدى

2013.11.05 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە زوڭتوڭى پياۋ جىنخۇي 2-نويابىر پارىژغا يېتىپ بېرىپ، فرانسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. 4-نويابىر، فرانسىيە زوڭتوڭى ئاۋلاڭدې ۋە فرانسىيە زوڭلىسى ئەيلو ئايرىم ھالدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىق خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە ۋە ئىككى تەرەپ سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ پياۋ جىنخۇينىڭ زوڭتوڭ بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ياۋروپانى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، فرانسىيەدىن كېيىن ئۇ يەنە ئەنگىلىيە، بېلگىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى باش شتابىنى زىيارەت قىلىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، پياۋ جىنخۇينىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى ۋە يېقىندىن بۇيان پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ياپونىيە-كورېيە مۇناسىۋىتىگە بولغان قىزغىن مۇلاھىزىسىنى قوزغىدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 3-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، پياۋجىنخۇي مەزكۇر گېزىت مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز ياپونىيە بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن قوش تەرەپ مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايمىز، بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى، ياپونىيەنىڭ بەزى سىياسەتچىلىرى ئىلگىرىكى تارىخىي مەسىلىلەر ھەققىدە ھېلىھەم توغرا پوزىتسىيەدە بولمايۋاتىدۇ». ئۇ ياپونىيە تەرەپنى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى گېرمانىيەنىڭ ئۆتمۈشتىكى خاتالىقىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ، ياپونىيە ياۋروپانىڭ تەجرىبىسىدىن ئەستايىدىل ئۈلگە ئېلىشى كېرەك». بەزى تەھلىلچىلەر: «پياۋ جىنخۇي بۇنى دېيىش ئارقىلىق، ‹ياپونىيە گېرمانىيەدىن ئۆگىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تارىخىي مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك›، دەۋاتىدۇ» دەپ قارىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر