1984-يىلى 12-ئايدا، ساچېر خانىم جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ شياڭگاڭ مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتىنى ئىمزالاپ، شياڭگاڭنى 1997-يىلى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلىدۇ. 2007-يىلى شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە، ساچېر خانىم دېڭ شياۋپىڭ ھايات بولغان بولسا «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» چارىسى ناھايىتى ياخشى ئىكەن دەيتتىم، دەيدۇ.