باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

شەندۇڭدا 11 ياشلىق ئۆسمۈر-بالا يىلىكىنى ئىئانە قىلىپ ئاتىسىنى قۇتقۇزدى

2013.04.08 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  27-مارت گو يۈەنشىڭ ماسكا تاقىغىنىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسىدىكى ئەزا يۆتكەش كېسەل بۆلۈمى كارىۋىتىدا ياتاتتى. ئۇنىڭ ئوپېراتسىيەدىن چىققىنىغا ئالتە كۈن بولغان ئىدى. گەرچە ئىلگىرى 186 جىڭ كېلىدىغان شەندۇڭلۇق بۇ بەستلىك كىشى ھازىر 148 جىڭغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن 11 ياشلىق ئوغلى گو جېنيۈ قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرىسىنى ئىئانە قىلمىغان بولسا، 39 ياشلىق بۇ ئاتا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بولاتتى.

  2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى جېنيۈ ئائىلىسىنى ۋەھىمە قاپلىدى، ئۇنىڭ ئاتىسى گو يۈەنشىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر دوختۇرخانىدا كېسەل تەكشۈرتكەندىن كېيىن قاپلىق ھۈجەيرە لىمفا راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. بۇ دوختۇرخانىدىكى ئۇنىڭغا مەسئۇل ۋراچ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئايالى جاڭ گۇيلەنگە بۇ بىر خىل داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەل دەيدۇ.

  گويۈەنشىڭ بىلەن ئايالى شەندۇڭ-بېيجىڭ ئارلىقىدا قاتناپ يۇرۈيدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى گەرچە كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تەلتۈكۈس ياخشىلانمىغان ئىدى، ئاخىرىدا ئۇلارغا يىلىك كۆچۈرۈشتىن باشقا يول قالمايدۇ.

  دوختۇر تۇققانلار ئىچىدىن ماس كېلىدىغانغانلارنى تېپىش تەكلىپىنى بېرىدۇ، ئەمما گو يۈەنشىڭنىڭ ئاچا، ئاكا، ئىنىسىنىڭ يىلىكى ئۇنىڭ بىلەن ماس كەلمەيدۇ، جېنيۆ دادىسىنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي، بەدەن ئېغىرلىقىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ، دادىسىنىڭ قۇتقۇزۇۋالماقچى بولىدۇ، تەكشۈرۈشتە بۇ ئىككيلەننىڭ ئىلىكى %98 ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، جېنيۈنىڭ يىلىكى دادىسىنىڭ بەدىنىدە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە