ساچېر خانىم ئوكىسفوردتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، جەزبىدار ياش قىز ئىدى. بۇ يەردە، ئۇ تۈرلۈك تانسا يىغىلىشىغا قاتنىشىپ، ناخشىلاردا تەسۋىرلەنگەن قىزلارغا ئوخشاش تاڭ ئاتقۇچە ئۇسسۇل ئوينايتتى. ئۇنىڭ باشقا قىزلار بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭدا سىياسىيغا قارىتا كۈچلۈك قىزىقىش ئويغانغانىدى.