باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنىشى ئافغانىستاننىڭ ئەندىشىسىنى پەيدا قىلامدۇ يوق؟(2)

2013.01.15 13:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا : ئوباما ھۆكۈمىتى 2014- يىلدىن كىيىن ئافغانىستاندا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن 3 مىڭدىن 9 مىڭغىچە ئەسكەر تۇرغۇزۇشىنى پىلانلىغان. ئوباما شۇ كۈنى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: 2014- يىلدىن كىيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەسكىرىنىڭ سانى ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ. بىراق كارزايى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپرەك قوللىشىنى تەلەپ قىلدى. ئافغانىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: كارزايى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا قالدۇرۇلغان ئەسكىرى سانىنى 15 مىڭغا يەتكۈزۈشنى ئۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئارمىيەسىنى ئىلغار قۇرال ياراقلار بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ، دۆلەت موداپىئە چىقىمىنى قىسقارتىش بېسىمىغا يولۇقۇۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن، قاندۇرۇش قىيىنغا توختىغان تەلەپ بولغان.

  ئۇندىن باشقا، ئىككى تەرەپ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنى كەچۈرۈم قىلىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ ساقلانغان. ئوباما شۇ كۈنى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا 2014-يىلدىن كىيىن ئافغانىستاندا ئەسكەر ساقلاپ قالىدىغان بولسا، ئۇنداقدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئەدلىيە جەھەتتە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى كېرەك. كارزايى ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئامېرىكىلىق تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك ئامېرىكا ئافغانىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، دەپ قارىغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ئىككى تەرەپتە ئۆز ئارا ئىشىنىش كەمچىل ئىكەن. ئامېرىكا كارزايى ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدى كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىگە قارىتا، كارزايىنىڭ گېپى بىلەن ھەرىكىتى ئوخشاش ئەمەس دەپ قارىغان. ئافغانىستان تەرەپ بولسا، ئامېرىكا ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغاندا مەسىلەن بازا تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكە توغرا كەلگەندە ئاندىن ئافغانىستاننى ئويلايدۇ، دېدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان بىر-بىردىن ئايرىلالمايدۇ. ئامېرىكا ئافغانىستاندىن تەل تۆكۈس قول ئۈزمەيدۇ، ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ئەمەلىي كۈچى ئاجىز بولغان ئافغانىستان ناھايىتى تېزلا قالايمىقانچىلىق ئىچىگە كىرىپ قېلىپ، بازا تەشكىلاتى قاتارلىق ئەسەبىي كۈچلەر قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچى بەكلا ئاجىز بولغانلىقتىن ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا موھتاج. ئافغانىستاننىڭ سابىق دىپلوماتى ئەخمەت سەيىد مۇنداق دېدى: كۆپ قىسىم ئافغانىستانلىق، ئامېرىكا ئارمىيەسى پۈتۈنلەي چېكىنىدىغان بولسا، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كونتروللۇقنى يوقۇتۇپ، ئەڭ ئاخىردا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تەختتىن چۈشىدۇ، دەپ قارايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە