باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما 2-نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ(3)

2012.11.08 16:06        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرى بىردەك بولمىدى. شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ رېنۋېي مۇنداق دېدى: ئوباما پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان 2-نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ياخشى ھالەتتىن پەسكويغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى يەنىلا ئاجىز بولغانلىقتىن، جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا نىزالىرى كۆپىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ئۆز قائىدىسىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، جۇڭگونى چۈشەپ قويىدۇ، بۇنى جۇڭگونىڭ قوبۇل قىلىشى تەس، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ غاژ-غاژلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش تەس. كېلەر يىلى ۋە ئىندىنقى يىلى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا بولغان ئۈمىدنىڭ تۇغۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى تەدرىجىي يۇمشىشى مۇمكىن. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جىن سەنروڭ مۇنداق دېدى: مەيلى دېموكراتلار پارتىيەسى بولسۇن، مەيلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بولسۇن، ھەممىسى جۇڭگونى ئىقتىسادتىكى رىقابەتچىسى، رەقىبى دەپ قارايدۇ، يېقىنقى مەزگىلدە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت بىر تەرەپتىن چوقۇم كەسكىنلىشىدۇ. بىراق، جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەم رىقابەتلىشىش ھەم ھەمكارلىشىشتەك ئەھۋال ئۆزگەرمەيدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈن جى مۇنۇلارغا دىققەت قىلدى: يېقىنقى مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر يۈرۈش مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىگە يول قويۇشنى خالىمىدى، مەسىلەن: جۇڭگو ئامېرىكىنى جۇڭگو-ئامېرىكا ھەربىي ئالماشتۇرۇشىغا ئۈچ چوڭ توسۇق پەيدا قىلدى دەپ، ئامېرىكىدىن بۇنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما قارشى تەرەپ بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى؛ ئامېرىكىمۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىش، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگوغا تەلەپ ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما جۇڭگو ئىنكاس قايتۇرمىدى. شۇڭا سۈن جى ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلىشىش خاھىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە