باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما 2-نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ(2)

2012.11.08 16:06        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى جانسىز بولغانلىقتىن، ئىقتىساد-بۇ قېتىمقى سايلامدا سايلىغۇچىلار ئەڭ دىققەت قىلىدىغان قارالمىغا ئايلاندى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، بولۇپمۇ ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش-ئوباما 2-نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەندىكى سىياسىي ئىشلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ھالبۇكى، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن قىزىل رەقەمنى ئازايتىش ۋە باجنى كۆپەيتىشتىن تۇتۇش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. پەن رۈي مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى باش ۋەزىپە-دۆلەت مەجلىسىنىڭ قىزىل رەقەمنى ئازايتىش سۆھبىتىنى ئورۇنلاشقا تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا مالىيە كىرىزىسى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، بايلاردىن ئالىدىغان باجنى كۆپەيتىدىغان ئىقتىساد سىياسىتىنى يولغا قويۇش، بۇنى ئوباما رىقابەت پىروگراممىسىدا ئېلان قىلغان. ئىجتىمائىي سىياسەت ساھەسىدە، 1-قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ماقۇللانغان ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قانۇن لايىھەسى ئاممىنىڭ كىچىك كۆلەمدىكى تۈزىتىش تەلىپى ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن.بىراق، يۇقىرىقى سىياسەتنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشتا نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى سايلامدا، دۆلەت مەجلىسى كېڭەش، ئاۋام پالاتالىرى سايلامغا قىسمەن ياكى تولۇق تۈزىتىش كىرگۈزدى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسى ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى مەھكەم ساقلىدى، بۇ-ئوبامانىڭ كەلگۈسىدە يەنىلا دۆلەت مەجلىسى پارچىلىنىش ئەھۋالىغا دۇچ كېلىپ، ئالاقىدار قارالمىلارنى يولغا قويۇشىنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئومابانىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دىققەت نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئوباما 2-نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، دىپلوماتىيە سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىراق ئوبامانىڭ تۆت يىللىق ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىنى ئەسلىسەك، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ھالەتتىن تۆۋەن باسقۇچقا قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئارىلىقتا ئىككى دۆلەتنىڭ سۈركىلىشلىرى ئۈزۈلمىدى. رىقابەتنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق مۇنازىرىسىدە، ئوباما تۇنجى قېتىم جۇڭگونى «رەقىب» دەپ ئاتىدى ھەم جۇڭگو ئەگەر قائىدىگە رىئايە قىلسا، يوشۇرۇن شېرىك قىلىمىز دېدى. بۇ ئوبامانىڭ كەلگۈسى تۆت يىلدا جۇڭگوغا تېخىمۇ بېسىم قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرەمدۇ-يوق؟
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە