تەڭرىتاغ تورى، قاراماي، 30-ئاۋغۇست خەۋىرى: قاراماي نېفىتلىكى بايقالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 30-ئاۋغۇست قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت-خىمىيە باش شىركىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ھەرقايسى ساھەدىكى ئەزىز مېھمانلار، شۇنداقلا قاراماي شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بىرلىكتە قاراماي نېفىتلىكى بايقالغان پارلاق مۇساپىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى، قاراماي نېفىتلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالدى.
تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرەققىيات-ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جيەنشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، قاراماي نېفىتلىكى بايقالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە قارامايدىكى ھەرمىللەت كادىر ۋە ئاممىغا، ھەر ساھەدىكى زاتلارغا، قارامايدىكى ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە قىزغىن سالام يوللىدى.
جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، پاي شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ دوڭجىن تەبرىك سۆزى قىلدى. شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، قاراماي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن شىنفا قاراماي نېفىتلىكى بايقالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى توغرىسىدا دوكلات بەردى. يىغىندا يەنە ھەرقايسى ساھەلەردىن كەلگەن تېلېگرامما، تەبرىك خەتلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
1955-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى قاراماي 1-نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن سانائەت مېيى ئېتىلىپ چىققان، بۇنىڭ بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك ـــ قاراماي نېفىتلىكىنىڭ بايقالغانلىقى جاكارلانغان.