باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى2015- يىللىق تۈرلۈك مۇسابىقە ئىشلىرى ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلماقتا

2015.02.25 13:28         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گەرچە چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلى بولسىمۇ، لېكىن ئىككى كۈندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى يەنىلا جاپالىق قىشلىق مەشق قىلىپ، 2015- يىللىق تۈرلۈك مۇسابىقە ئىشلىرى ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلماقتا.

  چاغاندىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى مۇسابىقە پائالىيەتلىرى كەينى- كەينىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر قايسى تۈرلەردىكى ماھىرلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەشق قىلىش ھالقىلىق مەزگىلگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ 2- مەشق ئەترىتىدە چىلىشىش، چەۋاندازلىق قاتارلىق تۈرلەردىكى تەنھەرىكەتچىلەر ھەر كۈنى 7 سائەت مەشق قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى. بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن ئەركىن چىلىشىش تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ ماھىرى داۋۇتنۇر تۇر 2013- يىلى مەملىكەت بويىچە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەركىن چىلىشىش تۈرى بويىچە 60 كىلوگىراملىقلار ئىچىدە چىمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەڭ ياخشى نەتىجە ياراتقان ئىدى. ئۇ، بۇ يىلقى ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، ئاسىيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، يۇرتى ئىلىغا قايتىپ تۇققان يوقلاش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ تەنھەرىكەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 13 يىل بولدى. چاغاندا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈن دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىلىدۇ. ئەركىن چىلىشىش بىر ئالاھىدە تۈر. دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 7- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مېنىڭ ئارزۇيۇم مەملىكەت بويىچە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن ئاسىيا ياكى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش.

  يېقىندا، ئىنچون ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئايال چەۋانداز ليۇ لىنا مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن ئۆزەمنى ئوبدان تەڭشەپ ياخشى ئارام ئالىمەن. مەن 2017- يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئوبدان تەييارلىق قىلىمەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل بىر يۈرۈش ئادەتتىكى مۇسابىقىلەر ئالايلۇق مەملىكەتلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، چىمپيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى، جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلاردا ليۇلىنا كەم بولسا بولمايدىكەن. ليۇ لىنا مۇنداق دېدى: ئۆيگە قايتمىغىنىمغا بىر قانچە يىل بولدى. ھازىر ۋىيزا بىجىرىۋاتىمەن. مەن گىرمانىيىگە بېرىپ مەشق قىلماقچى. چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، مەشقمۇ ئوخشاش ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر