باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغاندا ‹‹شىنجاڭ سوۋغىسى›› پۈتۈن مەملىكەتكە يەتكۈزۈلدى

2015.02.25 13:29         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015 -يىللىق چاغاندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹شىنجاڭ سوۋغىسى ـــ كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان شىنجاڭ كۆڭلىنى يەتكۈزۈش›› پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

  بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان شارپىنى تاللاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يەتكۈزۈپ، شىنجاڭ دوستلۇقىنى ئىپادىلىدى.

  پائالىيەت باشلىنىپ ھازىرغىچىلىك مەملىكەت ئىچىدىكى 30 نەچچە تاراتقۇ ۋە تور بېكەتتىن پايدىلىنىپ ‹‹شىنجاڭ تىلىكى يىغىش››، ‹‹شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش توغرىسىدا ماقالە يىغىش››، ‹‹شىنجاڭ ساياھىتىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر››، ‹‹شىنجاڭ سوۋغىسى›› قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش شارپىسىدىن 5000 دانىدىن ئارتۇقى تارقىتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، چاغاننىڭ كېيىنكى كۈنلىرى ۋە پانۇس بايرىمى مەزگىلىدە ‹‹شىنجاڭ سوۋغىسى›› بولغان شارپىدىن يەنە 10000 دانە داۋاملىق تارقىتىلىپ، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە شىنجاڭ خەلقنىڭ چاغانلىق تىلىكى يەتكۈزۈلىدىكەن. ‹‹شىنجاڭ سوۋغىسى›› شىنجاڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپلانما ماركىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ نەپىس، گۈزەل، ئالاھىدە، ئەلا، ئاز ئۇچرايدىغان ئالاھىدە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە يېمەكلىك، قۇرۇق مېۋە-چېۋە، مىللىيچە زىبۇ-زىننەتلەر، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، ساغلاملىق بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئايرىم ھالدا ‹‹شىنجاڭچە تەم››، ‹‹شىنجاڭچە روھ››، ‹‹شىنجاڭچە ئالاھىدىلىك››، ‹‹شىنجاڭدىكى بىباھا››، ‹‹شىنجاڭچە مۇڭ›› قاتارلىق تەرەپلەردە شىنجاڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالاھىدە جىلۋىسى نامايان قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر