باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھيەسىدە «يېشىل» ئاممىۋى ۋېلىسىپىت مۇلازىمىتى يولغا قويۇلۇپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى

2014.09.24 11:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇنىرىددىن تۇنياز، تۇردى راخمان، ئامانگۇللەر خەۋىرى: ئونسۇ ناھىيە خەلقى يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى ۋېلىسىپىت ئىجارە بېرىش سىستېمىسىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدىكى 6 ئىجارە بېرىش نۇقتىسىنى قوراشتۇرۇش-تەڭشەش خىزمىتى يېقىندا پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئونسۇ ناھيەسى ۋىلايەت بويىچە ئاممىۋى ۋېلىسىپىت ئىجارە بېرىش سىستېمىسىنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئىشلەتكەن ناھىيە بولۇپ قالدى.

  ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئامما كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلىپ مەمۇرىي مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ 300 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرسا ئاممىۋى ۋېلىسىپىت مۇلازىمەت كارتىسى بېجىرەلەيدۇ. ۋېلىسىپىتنى ئىشلىتىش ۋاقتى بىر سائەت ئىچىدە بولسا ھەق ئېلىنمايدۇ. بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتسە شوتا شەكلىدە ھەق ھېسابلىنىدۇ. ئاممىۋى ۋېلىسىپىت مۇلازىمىتى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن تورلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىر كارتا ئارقىلىق ئىككى جايدا ۋېلىسىپىت ئىجارە ئېلىش ۋە قايتۇرۇشقا بولىدىكەن.

  شەھەر ئاھالىسى چېن ئەپەندىم مۇنداق دېدى: ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەنۋو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شەھەرچىسىنى مۇشۇنداق بىر ۋېلىسىپىت مۇلازىمەت نۇقتىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئىشقا چىققان، ئىشتىن چۈشكەن ياكى تاماق يېگىلى بارغاندا ۋېلىسىپىت مىنسەك بولىدۇ. ۋېلىسىپىت مۇھىت ئاسرايدۇ ھەم تۇرمۇشىمىزغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئاممىۋى ۋېلىسىپىت ئىجارە بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىككى قارارغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇشقا جەمئىي 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. تۇنجى قاراردىكى 6 ئىجارە بېرىش نۇقتىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ناھىيەلىك پارتكوم، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، قۇم دىيارى مەيدانى، مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى، داشىن خەلقئارا ئاپتوموبىل شەھەرچىسى، خەنۋو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شەھەرچىسى ئالدىغا تەسىس قىلىنىپ، 100 دانە ۋېلىسىپىت ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.نۆۋەتتە 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىتىكى 4 ئىجارە بېرىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى پۈتۈپ 150 ۋېلىسىپىت ئىشقا كىرىشىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر