باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە ئىككى ئۇيغۇرچە قاتناش رادىيو پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىش باشلىنىدۇ

2014.02.27 16:08         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24 – فېۋرال ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى 101.7FM قانىلى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە ‹‹قاتناش لىنىيەسى›› پىروگراممىسى ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانىسىسى 104.6FM قانىلى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە قاتناش رادىيو پىروگراممىسىدا يېقىندا رەسمىي ئاڭلىتىش باشلىنىدۇ .

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى FM104.6 قانىلى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە قاتناش رادىيو پىروگراممىسى ھەر كۈن 18 سائەت بىۋاسىتە ئاڭلىتىلىدىكەن ، ‹‹قاتناش لىنىيەسى›› پىروگراممىسىنىڭ ۋاقتى ھەر ھەپتىدە 2 سائەت بولۇپ ، بۇ ئىككى پىروگراممىغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى بىر ئۇيغۇر ساقچىنى ئەۋەتىپ ، قاتناش ھادىسىسى ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ، قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە ھەيدەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش ، موتسىكلىتنى نوپۇسقا ئالدۇرۇش ، كىنىشكا بېجىرىش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلار ، قىيىن مەسىلىلەردە ئاڭلىغۇچىلارغا چۈشەنچە بېرىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر