باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەنشى ئۆلكىسى 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى سەھنىسىدە ئۆز ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلدى

2013.09.06 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتقان شەنشى ئۆلكىسى 4 – سىنتەبىر ئۈرۈمچىدە شەنشى ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  شەنشى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى مۇھىم بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگو تارىخىدىكى جوۋ، چىن، خەن، تاڭ قاتارلىق نۇرغۇن سۇلالىلەرنىڭ پايتەختى بولغان شىئەن قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ باشلانغان ئورنى، نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقىدىكى ھەيۋەتلىك تاش ئادەملەر ھېلىمۇ بۇ قەدىمىي ماكاننىڭ تارىخىغا شاھىد بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى دۇنياۋى ساياھەت ئورنى بولۇپ ھەر يىلى نەچچە مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋالماقتا. ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىدە شەنشى ئۆلكىلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن چىڭلياڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى، ساياھەت لېنىيەلىرىنى، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى تونۇشتۇرۇپ چىقتى ۋە خۇاشەن، لىنتوڭ ئىستراھەت رايونىنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}