باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

يېمەكلىكلەرنى ئېغىزنىڭ بىر تەرىپىدىلا چايناش ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

2015.03.27 17:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆپلىگەن كىشىلەر يېمەكلىكلەرنى ئېغىزىنىڭ بىر تەرىپىدىلا چايناشقا ئادەتلىنىپ قالغان، لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىر تەرەپتىكى چىشلارنىڭ «ئالدىراش» لىقى، يەنە بىر تەرەپتىكى چىشلارنىڭ «بىكارچى» لىقى كېلىپ چىقىدۇ.

  يېمەكلىكلەرنى ئوخشاش چايناپ يېيىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئىككى تەرەپتىكى چىش مىلىكلىرى تەكشى غىدىقلىنىدۇ، بۇ چىش، ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن مۇسكۇللارنىڭ نورمال يېتىلىشىگە پايدىلىق. يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مەزگىل ئېغىزنىڭ بىر تەرىپىدىلا چاينىغاندا يەنە بىر تەرەپتە قىسقىراش يۈز بېرىپ، چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق مەزگىل غىدىقلانمىغان تەرەپتىكى چىش ئەتراپىدا زور مىقداردىكى يېمەكلىك ئۇۋۇندىلىرى يىغىلىپ قېلىپ، چىش ئەتراپىدىكى سۆڭەكلەرنىڭ ئۆزگىرىشى، چىش مىلىكى قاناش، ئېغىز پۇراش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر