باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

2013.06.08 15:32         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردىن ئىگىلىنىشىچە، بالىياتقۇ بوينى راكى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان راك كېسەللىكى بولۇپ قالغان. تارقىلىش دائىرىسى بويىچە قارىغاندا، بالىياتقۇ بوينى راكى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا كۆپرەك بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا قىزىلئۆڭگەچ راكى كۆپرەك ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاساسلىقى شۇ جايدىكى كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتى سەۋەبىدىن بولىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، ئاياللار كېسەللىكى ئۆسمىسى مۇتەخەسسىسى شاچىن بالىياتقۇ بوينى راكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

  دەرۋەقە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە بالىياتقۇ بوينى راكى ، سۈت بېزى راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئېشىپ ماڭماقتا. بۇ ئەلۋەتتە كىشلەرنىڭ تۇرمۇش، ئوزۇقلىنىش، تازىلىق ئادىتى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالدۇر توي قىلىش، بالدۇر پەرزەنتلىك بولۇش، كۆپ تۇغۇش ۋە شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك قاتارلىقلار بالىياتقۇ بوينى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللار ھېسابلىنىدىكەن. لېكىن بەزى ئاياللار يۇقارقى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپ بولالمىغانلىقتىن ، ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ. بىز شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، مەيلى قانداقلا كېسەل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ تۇرمۇش، ئوزۇقلىنىش، تازىلىق ئادەتلىرىمىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ھەر قانداق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۇرمۇش ئادىتىمىزنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، سالامەتلىكىمىزنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرتۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋاقتىدا بايقاش، ۋاقتىدا داۋالاش، بىزنى ھەقىقىي ساغلام ھاياتقا ئېرىشتۈرگۈسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە