باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

2016- يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان پەي توپ، تىكتاك توپ ئەزىمەتلەر مۇسابىقىسى فۇكاڭدا باشلاندى

2016.10.08 15:03   مەنبە: خەلق تورى

2016- يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان پەي توپ، تىكتاك توپ ئەزىمەتلەر مۇسابىقىسى فۇكاڭدا باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2016 - يىللىق شىنجاڭ فۇكاڭ «يېزا ئامانەت -قەرز كوپىراتىپى لوڭقىسى» پەي توپ، تىكتاك توپ ئەزىمەتلەر مۇسابىقىسى فۇكاڭ شەھىرىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 46 كوماندىدىكى 200 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە پەي توپ مۇسابىقىسى ئەرلەر جۈپ ئويناش، ئاياللار جۈپ ئويناش، ئارىلاش جۈپ ئويناش، ئەرلەر يەككە ئويناش، ئاياللار يەككە ئويناش قاتارلىق بەش مۇسابىقە تۈرىگە بۆلۈنىدۇ؛ تىكتاك توپ مۇسابىقىسى ئارىلاشما كوللېكتىپ مۇسابىقە، 49 ياشتىن تۆۋەن ئەر - ئاياللار ئارىلاش كوللېكتىپ مۇسابىقىسى، ئەرلەر يەككە ئويناش، ئاياللار يەككە ئويناش قاتارلىق تۆت مۇسابىقە تۈرىگە بۆلۈنىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، تىكتاك توپ، پەي توپ ماھىرلىرىنىڭ تىرىشىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان روھىي قىياپىتىنىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2016 - يىللىق شىنجاڭ فۇكاڭ «يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى لوڭقىسى» پەي توپ، تىكتاك توپ ئەزىمەتلەر مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇسابىقە 2016- يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كېلەر دۈشەنبە باشلىنىدۇ
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·قىرغىزىستاندا ئالاھىدە زور تورت ياسىلىپ، ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلدى
    ·ئەزەربەيجان ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا «ئىككى ئىمتىھان بىرلەشتۈرۈلۈپ»، «نومۇرغى…
    ·«خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەسەم سۆزى»گە ئاشكارا پىكىر ئېلىنماقتا
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ  
    ·قايسى خىل ئاساسىي مائارىپ كەلگۈسىگە ماسلىشالايدۇ؟
    ·پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەردا «ئويۇن ئويناش» كەسپى ئېچىلىدۇ