گۇاڭدۇڭ كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە يېقىنلاشتى
2013.03.14 16:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 2012-2013-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، گۇاڭدۇڭ دۇڭگۈەن بانكا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا86 گە قارشى 88 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىنى يېڭىپ ئومۇمىي نومۇرى 2:0 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، بەش مەيداندا ئۈچ مەيدان يېڭىش تۈزۈمى بويىچە بولغاندا، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەيلا دەپ قالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە