13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 1-يىغىنى 9-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شۈ شاۋشى بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات، 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىككى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شى ياۋبىن بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2021-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىغا قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا ياڭ جېنۋۇ بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تۈزۈلگەن نۇسخىسى، 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تۈزۈلگەن نۇسخىسى، 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2021-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تۈزۈلگەن نۇسخىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئۈچ قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تۈزۈلگەن نۇسخىسىغا قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا لى فېينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قارار لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا قاراپ چىقىلدى.
يىغىن يۇقىرىقى قارار لايىھەسى، دوكلات، قارار لايىھەسى، قارار لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلارنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى