مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى سىن يىغىنى ئۆتكۈزدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى، 12 ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى

2021.03.09 18:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن سىن يىغىنى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى. 12 ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى، ئەزالار تۇرۇشلۇق جايدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يوۋ چۈەن يىغىنغا كېلىپ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى توردا يىغىنغا قاتناشتى.

  ئەزا لۈ خۇڭبىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى − ئاساسنى پۇختىلايدىغان، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق ئۇل خاراكتېرلىك قانۇن. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش لازىم، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدىكى قانۇن خىزمەتچىلىرى قانۇننى تەشۋىق قىلىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇشى كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تەشۋىق قىلىشتا «ھوقۇق»نى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈپ، مىسال ئارقىلىق قانۇننى يېشىپ، پۇقرالارنى «ھەق تەلەپ قانۇن تەپەككۇرى»نى يېتىلدۈرۈش، قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، قانۇنچىل جەمئىيەتنى ئورتاق قۇرۇش ئىمكانىيىتىگە تىرىشىپ ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئەزا ساۋ ۋېيشىڭ جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىگە ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى: جەزمەن يەر بايلىقىنى ئىلمىي قوغداش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش يېڭى يولىدا مېڭىپ، ھەربىر سۇڭ يەرنى قەدىرلەش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش كېرەك. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يەر بايلىقى بىلەن تەمىنلەش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى يەرگە باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاقىل دۆلەت زېمىنى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يەر بايلىقىنى قوغداش ۋە پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئەزا ليۇ ۋېي مۇنداق دېدى: ئىستېمالنى كېڭەيتىش بىلەن خەلق تۇرمۇشى سۈپىتىنى ياخشىلاشنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىش ئارزۇسىنى ئاشۇرۇش؛ يەنە بىر تەرەپتىن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىناتنى ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارنىڭ سودىلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئېھتىياج بىلەن تەمىناتنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەزا ما يوۋلى مۇنداق دېدى: ئاۋمېن «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئاۋمېننىڭ خەلقئارا ئالاقىدىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا ئايلىنىشتا كۆۋرۈكلۈك رولنى ئۈستىگە ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشى؛ خېڭچىن گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، قاراتمىلىق سىياسەتلەرنىڭ كۈچلۈك مەدىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ھەمكارلىقى ئارقىلىق چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ بايلىقىنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە پائال سىڭىشىشى كېرەك.

  ئەزا ۋاڭ لۇ جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى: «14-بەش يىل» مەزگىلى كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ باشلىنىش مەزگىلى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش؛ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈر ئېنېرگىيەسى، نېفىت-خىمىيە، پولات-تۆمۈر، سېمونت قاتارلىق يۇقىرى كاربونلۇق كەسىپلەرنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش؛ پەن-تېخنىكىنى مۇھىم تايانچ قىلىپ، بايلىققا تايىنىشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا قاراپ تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مەركەزنىڭ مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇنچىللىق كاپالىتى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

  ئەزا گەن لىن جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىگە ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى: چوڭ سانلىق مەلۇمات رايون زەنجىرى بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەپ، سانلىق مەلۇمات توسۇقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شەخسىي سىرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداش؛ ئۇل تەتقىقاتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يادرولۇق تېخنىكىلاردا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇش؛ رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوچۇق، ئورتاق پايدا ئالىدىغان چوڭ سانلىق مەلۇمات، رايون زەنجىرى ھەمكارلىق سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئەزا سۈن يىبياۋ مۇنداق دېدى: خەلقئارا سودا ئەنئەنىۋى سودا ۋە يەر شارى قىممەت زەنجىرى سودىسىدىن رەقەملىك سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىرمەكتە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تاشقى سودىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش؛ رەقەم تېخنىكىسى بىلەن ئەمەلىي كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك سودا خەلقئارا قائىدىسى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىش؛ رەقەملىك كەسىپنىڭ بازار ئىجازىتى بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، رەقەملىك سودا تىجارەت-سودا مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، رەقەملىك سودىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قولايلىقلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئەزا خاۋ يۆ «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىگە ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى: «14-بەش يىل» مەزگىلى ھەم ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ زۆرۈر تەلىپى ئالدىدا، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسى قاتارلىق مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ «نۆلدىن بىرگىچە» بولغان بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئەزا جىڭجۇ مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا موھتاج، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق ساھە، تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، «خاس ئالاھىدە ماھارەت»كە ئىگە بولۇشىنى قوللاش كېرەك.

  ئەزا تاۋ كەييۈن جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى: ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۆزگىچە تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ پائال، ساغلام ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، تور بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرۇش؛ مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى قوللاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئورتاق قوغداپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

  ئەزا ۋۇ چاڭدې مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلىم يۇرتى قورۇق تېمى يوق «چوڭ داشۆ»، ئەزالار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى مەدەنىيەت يېتىلدۈرۈش، كېڭىشىشنىڭ ياخشى سۇپىسى بولۇپ، ئەزالارنى كېڭىشىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەشكە پايدىلىق. كىتابخۇمار سىياسىي كېڭەش ئارقىلىق كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇشقا كۈچ قوشۇش ئارقىلىق، مىللىي مەدەنىيەت ئىشەنچى ۋە مەنىۋى كۈچنى كۈچەيتىشتە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.

  ئەزا ياڭ ياڭ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۆلىتىمىزنىڭ «14-بەش يىل» مەزگىلىدە ئۆتكۈزىدىغان مۇھىم، زور بەلگە خاراكتېرلىك پائالىيىتى بولۇپ، دۆلەت ئوبرازىنى نامايان قىلىش، مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى. ئىشىنىمىزكى خەلقئارا تەنتەربىيە ساھەسى جەزمەن ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆز قەرەلىدە، ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللايدۇ. تەنھەرىكەتچىلەرنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىلمىي، بىخەتەر، ياخشى ئىشلەپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، جۇڭگو مۇۋەپپەقىيىتىنى نامايان قىلىش، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك.

  يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېي رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ