شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

«14-بەش يىل» دا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك

2021.03.10 15:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14-بەش يىل» باشلانغان يىل، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلانغان يىل، شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى «ئۈچ قەدەمدە مېڭىش» قەدىمى باشلانغان يىل. پۈتۈن ئارمىيە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  يىغىندا، فاڭ شياڭ، شىن يى، چى خۇگۇاڭ، شياۋ دۇڭسۇڭ، ۋاڭ خۇيچىڭ، ۋاڭ چىفەن قاتارلىق ئالتە ۋەكىل ئايرىم ـ ئايرىم سۆز قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن -تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش، يېڭى ساھە، يېڭى سۈپەتلىك ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۈنشى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ يىللىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش، ئارمىيەمىزنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپ بەردى.

  شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز تارقالغان، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت مۇرەككەپ بولغان ئەھۋالدا، پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈشنى، ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىدى.

  شى جىنپىڭ پىلاننى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، «14-بەش يىل»دا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى باشلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىرادىسى، مەقسىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتلەرنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇش بىلەن قۇرۇلۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، يېتەكچىلىك، ئۇللۇق مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت سېلىش ۋە بىرلەشمە جەڭ قىلىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ يىللىق پىلانىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، بالدۇرراق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پەن-تېخنىكىدا قەد كۆتۈرۈپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىگە يېتىشىپ مېڭىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مۇھىت شارائىتىنى ياخشىلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەل كۈچى ۋە بايلىقىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش؛ بېكىتىلگەن ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى ئىختىساسلىقلاردا. ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تەپەككۇر، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنى دەلىللەش ئۇسۇلى ۋە تۈر تۇرغۇزۇشنى تەستىقلاش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، زور تۈرلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭشەشنى كۈچەيتىش؛ يىرىك پىلان، پىلاننىڭ نوپۇزى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، ۋاقىت تۈگۈنى، سۈپەت ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، باھالاش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يىرىك پىلان، ۋەزىپىلەرنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئارمىيەمىزنىڭ زامانىۋى مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈستىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى؛ ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق بىر قەدەر چوڭ، پۈتۈن ئارمىيە قۇرۇلۇش بىلەن ئۇرۇش تەييارلىقى مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ