13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2021.03.09 19:04 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى

  لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى

  يىغىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى



  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تۈرتكە بولۇش، زور خېيىم-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت توققۇز قانۇن تۈزدى، 13 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، قانۇن مەسىلىلىرى ۋە زور مەسىلىلەرگە ئالاقىدار قاراردىن سەككىزنى چىقاردى، 23 قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىۋاتىدۇ؛ 35 دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى، بىر قارار ۋە ئالتە قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، مەخسۇس ئىككى قېتىم سۈرۈشتۈردى، ئالتە تۈردە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈردە قارار چىقاردى؛ يەتتە تۈرلۈك شەرتنامىنى تەستىقلاش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى قارار قىلدى؛ 39 ۋەزىپىگە تەيىنلەش ياكى قالدۇرۇش لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن قانۇن بويىچە 259 ئادەم قېتىم ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ياكى قالدۇردى.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دائىمىي كومىتېت خىزمىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش جەھەتتىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا بولغان ساداسى، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېقىن تۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇن ئېھتىياج ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مەركەز ۋە ئومۇملۇقنى تېخىمۇ ياخشى چۆرىدىگەن ھالدا تىرىشىپ ئىشلەپ، دۆلەت ۋە خەلققە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت. بىرىنچى، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكىنى قوغدىدۇق؛ دۆلەت بايرىقى قانۇنى، دۆلەت گېربى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدۇق. ئىككىنچى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملۇقىنى چۆرىدەپ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتتۇق؛ ئاممىۋى ساغلاملىق بويىچە قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە قانۇن چىقىرىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چۆرىدەپ قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئۈچىنچى، قوللاشنى نازارەت قىلىشقا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن نازارەتچىلىكى ۋە خىزمەت نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇردۇق. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي ھوقۇق، رېۋىزىيە ھوقۇقى، سوتلاش ھوقۇقى، تەپتىش ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. تۆتىنچى، ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللىدۇق ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلدۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى «35 كونكرېت تەدبىر»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. بەشىنچى، دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئومۇملىقىغا مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىدىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردۇق. ئالتىنچى، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدە يەنە بەزى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، بىز ۋەكىللەر ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىمىز.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2021-يىلى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. دائىمىي كومىتېت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى __ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىنى 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا پىلانلاپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار چىقىرىش ھوقۇقى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ياكى قالدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

  لى جەنشۇ دوكلاتتا دائىمىي كومىتېتنىڭ بۇندىن كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇلار تۆۋەندىكىچە: ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغداش؛ نۇقتىلىق ساھەلەر، گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر، چەت ئەلگە چېتىشلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ۋەكىللەر خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر قايسى قاتلام، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش؛ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى ئىدىيە، سىياسىي، تەشكىلىي ئاساسىنى ھەقىقىي پۇختىلاش.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشكە قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 39 مىڭ 347 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 35 مىڭ 773 دېلونى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە مەخسۇس خەلق سوت مەھكىمىلىرى 30 مىليون 805 مىڭ دېلونى قوبۇل قىلىپ، 28 مىليون 705 مىڭ دېلونى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى ۋە ئىجرا قىلدى.

  جوۋ چياڭ دوكلاتتا 2020-يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى مۇنداق يەتتە جەھەتتىن خۇلاسىلىدى: بىرىنچى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدۇق؛ ئىككىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پائال مۇلازىمەت قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدىدۇق؛ تۆتىنچى، بىر بېكەتلىك، كۆپ مەنبەلىك تالاش-تارتىش ۋە دەۋا مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلدۇق؛ بەشىنچى، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇردۇق؛ ئالتىنچى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سوت مەھكىمىسى قوشۇنىنى بەرپا قىلدۇق؛ يەتتىنچى، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق.

  جوۋ چياڭ دوكلاتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2021-يىلى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش باش تېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، سىستېما قارىشى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، ئاساسنى كۈچەيتىش يۆنىلىشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، توغرا يولدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى؛ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇملۇق ئۈچۈن پائال مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇشى؛ راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سوتلاش خىزمىتىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرلۈك خېيىم-خەتەر، خىرىسلارغا، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن ئېغىر زەربىنىڭ تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىي 3 مىليون 10 مىڭ دېلونى بېجىردى، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.4 تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان جامائەتچىل دەۋا دېلولىرى، دەۋا نازارەتچىلىكى دېلولىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ۋە %9.6 ئاشتى.

  دوكلاتتا جاڭ جۈن 2020-يىللىق خىزمەتلەرنى مۇنداق بەش جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتتى: بىرىنچى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، تەپتىش كاپالىتى ئارقىلىق جۇڭگو قانۇنچىللىقىغا تۈرتكە بولدۇق؛ ئىككىنچى، تەرەققىيات ئومۇملىقىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، تەپتىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولدۇق؛ ئۈچىنچى، «تۆت چوڭ تەپتىشلىك»نى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تەپتىش نازارەتچىلىكى ئارقىلىق ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىدۇق؛ تۆتىنچى، ئەلرايىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى چىڭ تۇتۇپ، تەپتىش خىزمىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇردۇق؛ بەشىنچى، بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، تەپتىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

  جاڭ جۈن دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2021-يىلى، تەپتىش خادىملىرى مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، يېڭى تارىخىي بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى؛ سىجىل، مۇقىم ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا يۇغۇرۇلۇشتىكى قانۇنچىللىق ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى؛ ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەپتىش ئاڭلىقلىقىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي كۈچەيتىشى؛ خەلقنىڭ بەختى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2953 بولۇپ، 2895 ۋەكىل قاتناشتى، 58 ۋەكىل قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىنغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ۋاڭ چېن رىياسەتچىلىك قىلدى.

  3-ئاينىڭ 8-كۈنى «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى، يىغىن يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ نامىدىن ھەر قايسى ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچىلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

  يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ما فېڭگو، ۋاڭ دوڭفېڭ، ۋاڭ گۇاڭيا، ۋاڭ جيەنجۈن، يىن لى، شى تەيفېڭ، بەي چۈنلى، ليۇ يىلياڭ، ليۇ گوجوڭ، ليۇ جيايى، شۈ چىلياڭ، رۈەن چېڭفا، لى يۈمېي، لى ۋېي، لى شۆيوڭ، ۋۇ يۈلياڭ، يىڭ يوڭ، شېن شياۋمىڭ، چېن چۈەنگو، چېن شىۋېن، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ جىشيەن، پېڭ چىڭخۇا، جياڭ جوچىڭ، جىڭ جۈنخەي قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدا ئولتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ