مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدىكى قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2021.03.09 19:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان قىسمەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. دەي يۈەن، سۈي گېنلياڭ، ۋۇ خۇيفاڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇلتۇر جياڭسۇ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ئوخشاش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نۇرغۇن خىزمەتلەردە ئالدىدا ماڭدى. بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، جياڭسۇنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىنى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئىقتىساد چوڭ ئۆلكىسىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم ئېلىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشىنى، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈپ زورايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىقدارى زور، دائىرىسى كەڭ مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنىڭ تولۇقلاش سېلىنمىسىنى زورايتىش، بولۇپمۇ يېزا ئاساسىي قاتلام ئۇل ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا ئاساس سېلىش كېرەك.

  لى جەنشۇ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ما يىنپىڭ، ياڭ خەيرۇڭ، فەن پېڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى، مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىگە تېخىمۇ ئىشەندى ۋە ھىمايە قىلدى. لى جەنشۇ گەنسۇنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇغا كۆرسىتىپ بەرگەن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ بەختلىك، گۈزەل يېڭى گەنسۇ قۇرۇپ چىقىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنى بېيىتىپ گەنسۇنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. چېن جۈن، سەي پېيخۇي، چېن يۈنيىڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، لېكىن تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى بىلەن يېتەكچى ھوقۇق باشتىن-ئاخىر بىز تەرەپتە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە توسۇپ، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «ئىككى قىرغاق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن سودىگەرلىرى، تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش پۇرسىتىنى تۇتۇشىغا مەدەت بېرىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىلىنىدىغان تۈزۈم ۋە سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى مىللىي ئادالەتنى تەڭ ياقلاش، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ياڭ خۇڭبو، لاما شىڭگاۋ، ياڭ شياۋشۆ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈننەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈننەن خىزمىتىگە بولغان مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى قەدەم ئېلىشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، چېگرا رايوننى بېيتىشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

  جاۋ لېجى نىڭشيا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ما يۈشەن، ما خۇيجۈەن، ۋاڭ دۇڭشىن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاۋ لېجى نىڭشيانىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نىڭشيا خىزمىتىگە بولغان مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئورۇننى توغرا تېپىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت «ئۈچ ھاياتلىق تومۇرى»نى ياخشى قوغداپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭى يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلدى. جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى سىجىل تۈزەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ شانلىق ئەنئەنىسى ۋە مۇنەۋۋەر ئىستىلىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ يەرلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يەنە يېڭى، مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەركەزنىڭ زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىشى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى ۋە ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن كۈچەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، پائال نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 2019-يىلى شياڭگاڭدا يۈزبەرگەن «نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن مالىمانچىلىق»تىن بۇيان، شياڭگاڭ جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن بەزى قالايمىقانچىلىقلار شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سايلام تۈزۈمى مېخانىزمىدا روشەن يوچۇق ۋە كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك تەخىرسىز ۋەزىپە. «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى، مەركەزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسى ئىزچىل بولۇپ، ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ باقمىدى. جەزمەن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلەرنى سۇبيېكتىپ قىلغان «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شياڭگاڭنىڭ «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى سايلام تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، باشتىن-ئاخىر «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇش، باشتىن-ئاخىر شياڭگاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  خەن جېڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كۆپچىلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تىرىشچانلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ۋە تۈزىتىلمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى قەتئىي قوللاپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ياڭ شياۋدۇ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ