مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دادىلارمۇ تۇغۇت دەم ئېلىشى ئالالامدۇ؟

بەي يەنسۇڭ بۇ جاۋابىمنىڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى

2021.03.10 17:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ئىككى يىغىن» نى بىۋاسىتە كۆرسىتىش جەريانىدا، بەزى تورداشلار «ئەرلەرمۇ تۇغۇتلۇق دەم ئېلىشقا بولۇشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشكە بولامدۇ؟» دەپ سورىدى.

  بەي يەنسۇڭ مۇنداق دېدى: «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان لايىھەسىدىكى «ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا بېقىش دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش» دېگەن بىر جۈملىنىڭ ئىچىدىكى «بالا بېقىش دەم ئېلىشى» دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدا «ئاتا» سۆز بار.

  ئارقىدىن ئۇ يەنە «مېنىڭ بۇ جاۋابىمنىڭ قىزىق نۇقتىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى، ئارقىدىن، بۇ سۆزلەر دەرۋەقە قىزىق نۇقتىلىق سۆزلەر تىزىملىكىگە چىقتى.

  بەي يەنسۇڭ مۇنداق دېدى: مەن «خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى «لايىھەسى»دىن كۆپچىلىك ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن «ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا بېقىش دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش» دېگەن سۆزلەرنى بايقىدىم. بۇ − «ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش» دېگەن مەزمۇندىكى «مۇۋاپىق تۇغۇت سەۋىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» دېگەن پاراگرافتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر جۈملە سۆز. «بالا بېقىش دەم ئېلىشى»نىڭ ئالدىدا «ئانا» دېگەن سۆزنىڭ بولۇشى ئىلگىرى ئىنتايىن نورمال ئىش ئىدى، ھازىر «ئاتا» دېگەن سۆزمۇ قوشۇلدى، بۇ، تورداشلارنىڭ ئۈمىدىگە جاۋاب بولالامدۇ؟ مېنىڭچە بۇ ھېچ بولمىغاندا يولغا قويۇش ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىزنىڭ يۇرتىمىز، بىز تۇرۇشلۇق جاي ئىزدىنىش دائىرىسى ئىچىدە بولامدۇ؟ بۇ سۆزۈمنىڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغاندىن كېيىن ئىزدىنىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ