خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ بېيجىڭدا ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈلگىلىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ مەملىكەتلىك سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، مەملىكەت بويىچە كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
سۈرەتتە: ليۇ يەندۇڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ مەملىكەتلىك ئۈلگىلىرىگە مۇكاپات تارقاتتى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى