خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى بەرنارد كازەنېۇف 2- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.
كازەنېۇف، 1963- يىلى 6- ئاينىڭ 2- كۈنى فىرانسىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ۋاز ئۆلكىسى سېنلىس شەھىرىدە تۇغۇلغان. بوردو سىياسىي ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن. 1997- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە جۇمھۇرىيەت سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي سوتىنىڭ سودىيەسى بولغان. 1997- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە ۋە 2007- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە خەلق پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 2004- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە ئاستىنقى نورماندى ئالپىس رايونى پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2012 ـ يىلىدىن 2013- يىلىغىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىلى بولغان. 2013- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە ئىقتىسادىي، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوت ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىلى بولغان. 2014- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە دۆلەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ فىرانسىيە ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولغان. توي قىلغان ۋە ئىككى پەرزەنتى بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى