سۈرەتتە :13-ئۆكتەبىر، چاڭشا جەنۇبىي پويىز ئىستانسىدا، جىنايەت گۇماندارى جاڭ ⅩⅩ ساقچىلار تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ مېڭىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-ئۆكتەبىر، 8 مىليون 100 مىڭ خەلق پۇلىنى ئالداپ چېگرا سىرتىغا قىچىپ كەتكىنىگە توققۇز يىل بولغان قاچقۇن تۇتۇلۇپ دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىندى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2006-يىلى 12-ئايدا، خۇنەن خۇڭشىياڭ پەن-تېخنىكا سانائەت چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى جاڭ ⅩⅩ چەك - ھۆججەت ئىشلىتىپ شياڭتەن شەھەرلىك مەلۇم ئامانەت – قەرز كوپىراتىپىنىڭ 8 مىليون 100 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى ئالداپ ئالغاندىن كېيىن چېگرا سىرتىغا قىچىپ كەتكەن ئىكەن. جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ« تۈلكە تۇتۇش 2015» ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، خۇنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى « تۈلكە تۇتۇش ئىشخانىسى» كۆپ قېتىم شياڭتەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى« تۈلكە تۇتۇش»گۇرۇپپىسىنى چاقىرىپ جاڭ ⅩⅩ مەخسۇس دېلوسىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۆلكە، شەھەر ئىككى دەرىجىلىك ساقچى تەرەپ ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ زىيارەت قىلىش، ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق ئىگىلىگەن زور مىقداردىكى ئۇچۇرلاردىن بىر - بىرلەپ مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ ، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيەشتۈرپ، جاڭ ⅩⅩ ئاللىقاچان شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلدى. 9 - ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، جاڭ ⅩⅩ ئولتۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلان مانىلا خەلقئارا ئايرۇدرومىغا يېتىپ كەلگەندە ، فىلىپپىن ساقچى تەرەپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئۇنى قولغا ئالدى 13 -ئۆكتەبىر كەچ ، چېگرا سىرتىدا توققۇز يىل قىچىپ يۈرگەن جاڭ ⅩⅩ دۆلىتىمىزگە يالاپ ئېلىپ كېلىندى.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى