كىرىستىيانو رونالدو 13- ئۆكتەبىر ئېرىشكەن ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىنى كۆرسەتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مادرىد شۇ يەر ۋاقتى سەيشەنبە كەچ، پورتۇگالىيە پۇتبول چولپىنى كىرىستىيانو رونالدو ئالدىنقى پەسىللىك ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ ئۇنىڭ بۇ شەرەپكە تۆتىنچى قېتىم ئېرىششى ھىسابلىنىدۇ، شۇنداقلا كونا رەقىبى مىسسىنى يېڭىپ، تارىخىتىكى تۇنجى تۆت قېتىم ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ماھىر بولۇپ قالدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى