باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا سۇ بايلىقى كىلەر يىلىدىن باشلاپ «ئەڭ قاتتىق» ئىدارە قىلىنىدۇ

2015.10.15 13:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدا سۇ بايلىقى كىلەر يىلىدىن باشلاپ «ئەڭ قاتتىق» ئىدارە خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، يېڭى سۇ بايلىقى باھاسى ئۆلچىمى بويىچە ھەق يىغىلىدىغان بولۇپ، ئېشىپ كەتكەن مىقدارىغا قوشۇپ باھا ھېسابلاش ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئىلىنىدۇ.

  تۈنۈگۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى تور بېتىدە سۇ بايلىقىنى تىجەش، ئاسراش ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان ئىچىش مەقسىتىدە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  يېڭى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىدە شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان شەھەر ـ بازارلاردىكى تورۇبا سۈيىنىڭ يەر ئۈستى سۈيى باھاسى ئۈچ پۇڭ، يەر ئاستى سۈيى باھاسى 7 پۇڭ ئۆستۈرۈلىدۇ.سۇ بايلىقى مەنبەسى ھەققى سۇ ئىشلىتىدىغان ئىدارىلەردىن يىغىلىدىغان ھەق. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، سۇ بايلىقى ھەققىنىڭ تەڭشەلگەندىن كىيىن، ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا باھا قوشۇپ ھىسابلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. %20 ئېشىپ كەتكەن قىسمىدىن نورمال ھەق ئۆلچىمىدىن ئىككى ھەسسە، %20 ـ %50 كىچە ئېشىپ كەتسە نورمال ھەق ئۆلچىمىدىن ئۈچ ھەسسە ئارتۇق ھەق ئىلىنىدۇ؛ %50 ئىشىپ كەتسە، نورمال ھەق ئۆلچىمىدىن 5 ھەسسە ئارتۇق ھەق ئىلىنىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر