باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغانلار جازالىنىدۇ

2015.01.09 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىش ھەققىنى قەستەن نېسى قالدۇرۇش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرلىقى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ، «ئەمگەك ھەققىنى تۆلەشنى رەت قىلىش جىنايى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە دائىر ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، ئەمگەك كاپالىتى ساھەسىدىكى مەمۇرى قانۇن ئىجراسى بىلەن جىنايى ئىشلار ئەدىلىيەسىنى بىرلەشتۈرۈشتە ساقلانغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  2011-يىلى «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزۈتىلمە لايىھەسىدە ئەمگەك ھەققىنى تۆلەشنى رەت قىلىش جىنايىتى» جىنايى ئشىلار قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن. ئەمگەك ھەققىنى تۆلەشنى رەت قىلىش جىنايىتى مەمۇرى ساھەسىدىن جىنايى ئىشلار ساھەسىگە ئۆتۈش ئەمگەك كاپالىتى ساھەسىدىكى مەمۇرى قانۇن ئىجراسى بىلەن جىنايى ئىشلار ئەدىلىيەسىنى بىرلەشتۈرۈشتە بىر قىسىم مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسمەن بەلگىلىمە ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، جىنايەتكە چېتىلىدىغان قىسمەن دېلولارنى مەمۇرى جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش توختاپ قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىگە سۈنۈشقا ئامال بولمىغان.

  بۇنىڭغا قارىتا «ئۇقتۇرۇش»تا، قانۇن ئىجراسى ئەمەلىيىتىدە دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە ئېنىق، كونكىرىت بەلگىلىمە چىقىرىلدى، ھەرىكەت ئىگىسى قېچىپ كەتكەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ئىلىشقا ئامال بولماسلىق مەسىلىسىى، ھەرىكەت ئىگىسى ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنى نىسى قالدۇرغاندىن كېيىن قېچىپ يۇرۇش مەسىلىسى شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش ياكى كەسپىي بۆلۈنمە ھۆددە، خىزمەتچى ئىشلىتىش ئاساسى سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان ئورۇن ياكى شەخسكە ھۆددىگە بېرىش، مەزكۈر ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەمگەكچى قوبۇل قىلىپ ئىش ھەققىنى بەرمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا كونكىرىت بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر