باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىلى ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

2015.01.09 09:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇر، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن ئاچقۇچلۇق بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، مەركەزدىن يەرلىككىچە، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ياخشى سىياسەتلەر كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرغا قويۇدى، مەدەنىيەتنىڭ ھاياتى كۈچى ئاشتى.

  2014-يىلى مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدا ياخشى سىياسەتلەر كەينى-كەيىنىدىن ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، مەدەنىيەت ئىشلەپچىقرىىش كۈچى يەنىمۇ ئازاد قىلىندى، مەدەنىيەت كارخانا كەسپىي ئورۇنلار سىياسەتنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت سەنئەت ئۆمەكلىرى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى كونا چوڭ قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى، ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇجوۋ شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكى 2012-يىلى كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇن، ئون يىلدا بىر قېتىم ئويۇن قوياتتى، تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يىلدا ئون قېتىم ئويۇن قويىدىغان بولدى، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن ھەر بىر ئارتىس ئېيىغا مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالاتتى ، ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8 مىڭ يۈەندىن ئون مىڭ يۈەنگىچە مائاش ئالىدىغان بولدى. 2014-يىلى گۇرۇھنىڭ ئويۇن قويۇشتىن قىلغان كىرىمىنىڭ ئون مىليون يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.

  ئورگانلارنى قىسقارتىپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، تەكشۈرۈش تەستىقلاش ھالقىلىرىنى ئازايتىش- 2014-يىلى ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشتىكى ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن، مەدەنىيەتنى باشقۇرۇشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئويۇن قويۇشقا ئۇيۇشتۇرۇش، تورخانا ئېچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئالدى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئېچىپ بولۇپ ئاندىن كىنىشكە ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە سالاھىيەتكە ئېرىشىدىغان بولدى. بىر ھۆججەتنى تەستىقلىتىش ئۈچۈن نەچچە قېتىم ھۆكۈمەتكە قاتىراپ تامغا ئۇرغۇزۇشتەك ئەھۋاللار زور دەرىجىدە ئازايدى.

  بايلىق تارقاق، باشقۇرۇدىغان تارماقلار كۆپ، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش- ئېلىمىزنىڭ ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىنى قىيناپ كېلىۋاتقان كونا، چوڭ، قىيىن مەسىلە ئىدى. بىر يىلدىن بۇيان، ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتى كاپالەت ئۆلچىمى، نامرات رايونلارنىڭ ئاممىۋىي مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى ناھايىتى تېز ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، «ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت كاپالەت قانۇنى»مۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پائال تۈرتكىسىدە تېزدىن تۈزۈلدى.

  كىچىك، تارقاق، ئاجىز، قالايمىقان بولۇش ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت كەسپىنى قىيناپ كېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى، 2014-يىلى ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت كەسپى پۇل مۇئامىلە، پەن تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەر بىلەن تېزدىن بىرىكىپ، نوقۇل كۆلەمنى كېڭەيتىشتەك تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرىتىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈم يادرو قىلىنغان يېڭىچە تەرەققىيات يولىغا دەسلەپكى قەدەمدە ماڭدى. نەشرىيات كەسپىنى مىسال قىلساق، 2013-يىلى ئېلىمىزدە نەشىر قىلىنغان كىتاب 444 مىڭ خىل بولۇپ، تۈرلىرىنىڭ ئېشىش دەرىجىدە تۇنجى قېتىم ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %4.7 تۆۋەنلىدى.

  دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شاڭجى مۇنداق دېدى: كىتاپ تۈرلىرىنىڭ ئېشىشىنىڭ تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىشى نەشرىيات كەسپىنىڭ نادىر ئەسەرلەر ئېڭى، سۈپەت ئېڭىنىڭ پەيدىن-پەي ئۆسكەنلىكى، ئېلىمىزنىڭ كىتاب نەشرىياتچىلىقىنىڭ سان ۋە كۆلەمنى قوغلىشىشتىن سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى قوغلىشىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

  قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەش مەدەنىيەت كەسپىنى زورايتىش، كۈچلەندۈرۈشتىكى بىر يول. 2014-يىلى ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت كارخانىلىرى ئارىسىدىكى قوشۇۋېتىش، قايتا تەشكىللەش بارغانچە جانلاندى. رايون، كەسىپ ،تۈزۈلمە ھالقىغان سېتىۋېلىپ قوشۇۋېلىش قايتا تەشكىللەش-مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ سەرخىل تەقسىملىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت كاپىتالىنىڭ رىقابەت كۈچى، كونترول كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر