باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«كارخانىلارنىڭ خادىملارنى قىسقارتىش بەلگىلىمىسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسقىسى»دىن پىكىر ئېلىنىشقا باشلىدى

2015.01.09 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرلىقى تۈزگەن «كارخانىلارنىڭ خادىملارنى قىسقارتىش بەلگىلىمىسىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسقىسى»دىن يېقىندا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئىلىنىشقا باشلىدى. ئۆز خىزمەت ئورنىدا كەسپىي كېسەلگە ياكى خىزمەت ئۈستىدە يارلانغانلار ۋە ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى قىسمەن يوقاتقان دەپ دىياگىنۇز قويۇلغانلار، ساقسىز بولۇپ قالغان ياكى ئىش ئۈستىدە يارلانمىغانلار بەلگىلىمە بويىچە داۋالىنىۋاتقاندا، ھامىلدار بولغان، تۇغۇت ۋە ئىمىتىش مەزگىلدىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئۆز ئورنىدا ئۇدا خىزمەت قىلىۋاتقىلى 15 يىل بولغانلار، قانۇندا بەلگىلەنگەن پىنسىيە يېشىغا تۇشۇشقا بەش يىل قالغان ئىشچى –خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش مەنئىي قىلىنىدۇ.

  پىكىر ئېلىش نۇسقىسىدا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كارخانىلار خادىملارنى قىسقارتقاندا ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى تۆت تۈردىكى خادىملارنى قىسقارتىماسلىقى كېرەك: 1- ئۆز ئىدارىسى بىلەن بىر قەدەر ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختىمى ئىمزالىغانلار؛ 2- ئۆز ئورنى بىلەن قەرەلسىز ئەمگەك توختىمى ئىمزالىغانلار. 3-ئائىلىسىدە باشقا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بولمىغانلار، بېقىشقا مۇھتاج بولغان ياشانغانلار ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولغانلار؛ 4-ئىنقىلاۋى قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئۆز ئورنى قوبۇل قىلغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق قانۇن، مەمۇرى قانۇن بەلگىلىمىدە بەلگىلەنگەن خادىملار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر