باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

2015.01.09 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي تۈنۈگۈن كەچتە پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىر 7-يانۋار ئاز دېگەندە ئىككى قوراللىق كىشى فىرانسىيەنىڭ سىياسىي ساتىرا ژۇرنىلى بولغان «چارلىز ھەپتىلىكى»نىڭ پارىژ شەھەر مەركىزىدىكى باش ئورگىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئاپتومات بىلەن بۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئوققا تۇتۇپ، 12 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، بەش ئادەمنى ئېغىر يارىلاندۇردى، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ دەپ سورىغاندا خوڭ لېي مۇنداق دېدى: بىز 7-يانۋار فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن قاتتىق چۆچۈدۇق ھەم بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. جۇڭگو قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يارىدارلاردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ. جۇڭگو بارلىق شەكىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، فىرانسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تېرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر