باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرلار ۋە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلار جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلمەيدۇ

2015.01.09 10:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئۇقۇشىچە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2015-يىللىق ئاكادېمىك تاللاش خىزمىتىنى 1-يانۋار باشلانغان. بۇ قېتىم 65 ئاكادېمىك تاللىنىدىكەن، مەمۇرلار ۋە مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار پرىنسىپ بويىچە ئاكادېمىك تاللاشتىكى نامزاتلىققا كۆرسىتىلمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىرلا كىشىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش رىغبەتلەندۈرۈلمەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بەلگىلىمىگە ئاساسەن 2009-يىلى، 2011-يىلى ۋە 2013-يىلى ئۇدا ئۈچ يىل جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلىرى ئاكادېمىيەسىگە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن كۈچكە ئىگە نامزاتلارنىڭ ئاكادېمىك تاللاش سالاھىيىتى 2015-يىلى بىر قېتىم توختىتىپ قويۇلىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر