دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 7-يانۋار مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ 7-يانۋار فرانسىيەنىڭ پارىژدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدىن قاتتىق چۆچۈدى ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى. خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ۋەقەدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. جۇڭگو تەرەپ ھەر خىل شەكىلدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، فرانسىيەنىڭ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن چىقارغان بارلىق تىرىشچانلىقى ھىمايە قىلىدۇ.
فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژنىڭ 11-رايونىغا جايلاشقان ھەجۋىي ژۇرنال «چارلىي ھەپتىلىكى»نىڭ باش بۆلۈمىدە 7-يانۋار قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى. ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات ۋە شەخس بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئاشكارلىمىدى.
مەنبە: خەلق تورى