باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران زۇڭتۇڭى: چەتئەل مەبلىغى دەھشەتلىك بالايى ئاپەت ئەمەس

2015.01.09 09:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئۇنىڭ ئۈستىگە غەرب ئەللىرىنىڭ جازالىشى بىلەن، ئىران ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئېغىر خىرىسلارغا يولۇقتى. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئىران زۇڭتۇڭى روخانى يېقىندا، ئىراننىڭ چەتئەللەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى داۋاملىق دەھشەتلىك بالايى ئاپەت دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئاستىرتتىن، ئىراننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان غەرب ئەللىرى بىلەن ئىقتىسادى ئالاقىسىنى ئۇرۇش ھالىتىنىڭ يېقىندا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كىيىنكى نۆۋەتلىك سۆھبەت 15-يانۋار قايتىدىن باشلىنىدۇ، بۇندىن ئىلگىرى، ئىران يادرو قۇراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، يادرو تۈرىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. روخانى مۇنداق دېدى: بىز نېفىتكە تايىنىشنى ئازايتىشىمىز كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندىلا سۆھبەتنى ئاندىن تېزلەتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر