باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ئېلىمىز بۇ يىل باھا ئىسلاھاتى يەنىمۇ تېزلەشتۈرىدۇ» دېدى

2015.01.09 10:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 7-يانۋار دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىز بۇ يىل باھا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم ماللارنىڭ باھاسىنى قويۇۋېتىپ، بىر تۈركۈم ماللارغا باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسىنى ئىمكانقەدەر تېز تۈزىتىدىكەن.

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تاماكا سېتىۋېلىش باھاسى، تۆت تۈرلۈك رىقابەت شەرتلىرىنى ھازىرلىغان تۆمۈر يول ترانسىپورت باھاسى، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدە مال توشۇش باھاسى ۋە قىسمەن پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ يولۇچى توشۇش باھاسى، پورتتىكى رىقابەتلىك مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش قاتارلىق تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسىنى قويۇۋېتىپ، يەرلىكنى ئۆي مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى، كاپالەتلىك بولمىغان تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى، تۇرالغۇ رايونلارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان توققۇز تۈرلۈك تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ باھاسىنى قويۇۋېتىشكە يېتەكلەپ، 2015-يىللىق باھا ئىسلاھاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلىمىز بۇ يىل ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ كۆپ تۈرنىڭ باھاسىنى قويۇۋېتىدىكەن، دورا باھاسى، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى، توك باھاسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىسلاھ قىلىدىغان تۈرلەرنىڭ ئىچىدىكەن،

  بۇ يىلقى باھا ئىسلاھاتى «ئۈچ ئەڭ زور» پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، يەنى ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش دائىرىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چەكلەش، باھا بېكىتىش مېخانىزمىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئەڭ زور كۈچتە ئىسلاھ قىلىش، ئەڭ زور چەكتە ئاشكارا، ئادىل بولۇش.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر