باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى كادىردىن 68نى قولغا چۈشۈردى، 30 كىشىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى

2015.01.09 10:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى 7-يانۋار بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن (ئوتتۇرىدا) بىر يىلدىن بۇيانقى پارتىيە پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى ئىنتىزام-قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى كادىرلاردىن دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغان ۋە دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈۋاتقان 68 كىشى ئىچىدە، جۇ يۇڭكاڭ، جياڭ جىمىڭ، لى دۇڭشېڭ، لى چۇڭشى، شېن ۋېيجىن قاتارلىق 30 كىشى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى؛ ھازىر دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈۋاتقانلاردىن يەنە لىڭ جىخۇا، سۇ رۇڭ قاتارلىقلار بار.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى 7-يانۋار ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن يۇقارقى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر