باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ بىر يول دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئىقتىساد كارىدورى بەرپا قىلدى

2015.01.09 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىڭى يىل كىرىشى بىلەن، جۇڭگو قازاقىستان چېگرىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ تارباغاتاينىڭ باقتۇ چېگرا ئېغىزى ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، مال ئوبوروت شىركەتلىرىنىڭ ئىسكىلاتلىرىغا كىرىپ چىقىدىغان ماشىنىلار كۆپەيدى، ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىشچىلار يېڭى مىۋىلەرنى ئىسكىلاتتىن تاموژنا باشقۇرۇش ماشىنىسىغا يۆتكەۋاتاتتى، ماشىنىنىڭ دەرىزىسىگە جۇڭگو قازاقىستان ئىككى تەرەپ ئېتراپ قىلغان يېشىل يول دېگەن بەلگە چاپلانغان ئىدى، يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى لىق قاچىلانغان بۇ ماشىنىلار جۇڭگو قازاقىستان باقتۇ-باقتې چېگرا ئېغىزىدا تېز تاموژنىدىن ئۆتۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولدى.

  شىنجاڭدىكى بىر يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى سودا شىركىتىنىڭ دېرىكتورى يۈ يىڭپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى يېشىل يولى، ماللىرىمىزنىڭ چېگرا ئېغىزىدا توختاپ قېلىش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقاردى ھەم مىۋىلەرنىڭ يېڭىلىقى، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىندى، ھەم تەننەرخى تۆۋەنلىدى.

  2013-يىلى جۇڭگو بىر بەلباغ، بىر يول ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى ئوتتۇرغا قويدى، 2014-يىلىغا كەلگەندە جۇڭگو باشلامچىلىق بىلەن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ھەمدە يېپەك يولى فوندى قۇرۇپ، زور مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىن ئەتتى، بۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى، ياۋروپا، ئافرىقا قاتارلىق نۇرغۇن ئىقتىساد چەمبىرەكلەرنى تۇتاشتۇردى. يېڭى بىر يىلدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى كۈچلۈك ئىقتىساد چوڭ كارىدورى بەرپا قىلىنىدۇ. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بىر بەلباغ، بىر يول- لىنىيە بويىدىكى 50 نەچچە دۆلەتنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى ۋە قاتنىشىشىغا ئېرىشتى.

  سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق تەتقىقاتخانىسى ئاسىيا ئافرىقا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن بو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلگۈسىدە جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئېھتىياج ۋە ئورتاق قاراشقا ئىگە، تەسىرى چوڭ، تۈرتكىلىك خاراكېترى كۈچلۈك بولغان زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى رايونلار ھەمكارلىقىنىڭ سودا ۋادىسى، كەسىپ بەلبېغى، بىرلەشمە تورى، مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق ئارقىلىق، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر