2015-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى ۋە بۇ ئورگانلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارغا مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 30-نويابىر مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى ، مەملىكەت بويىچە 1 مىليون 400 مىڭدىن كۆپ ئادەم ئىمتىھانغا قاتناشتى . بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغان مەمۇرلارنىڭ سانى يىللاردىكىدىن ئەڭ كۆپ بولسىمۇ ، تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ۋە رىقابەت نىسبىتى يېقىنقى يىللاردىكىدىن ئەڭ تۆۋەن بولغان .