باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدا سەل تۆۋەنلەش كۆرۈلدى

ئەيدىز بىلەن ئۆلگەنلەر سانى يەنىلا ئۆرلىمەكتە، جىنسىي يول بىلەن يۇقۇملىنىش ئاساسلىق يۇقۇش يولى بولماقتا

2014.12.01 09:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى: 27 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى (1 - دېكابىر) ھارپىسىدا ئاپتونوم رايون 28 – نويابىر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىز ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، كېسەل بىلەن قازا قىلىش نىسبىتى چۈشكەن، لېكىن بۇرۇن يۇقۇملانغانلار بىراقلا كېسەل بولۇش دەۋرىگە كىرگەچكە، قازا قىلغانلار سانى ئېشىپ بارغان.

  ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1995 – يىلى تۇنجى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن بۇيان 2014 – يىلى 30 – سىنتەبىرگىچە ئاپتونوم رايوندىكى 94 ناھىيە، شەھەر، رايوندا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە كېسەل سانى 43 مىڭ 533 گە يەتكەن، بۇنىڭ 8102سى قازا قىلغان. ھازىر ھايات يۇقۇملانغۇچىلار 27 مىڭ 373، كېسەل 8058 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەر – ئاياللارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 1.4:1 بولغان.

  نۆۋەتتە، جىنسىي يول بىلەن يۇقۇملىنىش ئورتاق ھالدا شىپرىس ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئورنىنى ئىگىلىپ، ئاساسلىق يۇقۇش يولىغا ئايلانغان، زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش سەل تۆۋەنلىگەن، ئەر ھەمجىنىسلار ئارىسىدا يوقۇش بىرقەدەر كۆپەيگەن ھەم تېزلاشقان. ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرىدا ۋېنادىن ئوكۇل سېلىش ئارقىلىق زەھەر چېكىشتىن يۇقۇملانغانلار %36.5، جىنسىي يولدىن يۇقۇملانغانلار (ھەمجىنىسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) %52.1 نى ئىگىلىگەن. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە «ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىپ تەشكىللەش، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇل بولۇش، جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىش»تەك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ۋەزىيىتى ئاساسەن شەكىللەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر