باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئىستېمال بېجى سىياسىتىنى تەڭشىدى

2014.11.30 23:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز تۈنۈگۈن قىسمەن مەھسۇلاتلارغا قارىتا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىستېمال بېجى سىياسىتىنى تەڭشىدى، بۈگۈندىن تارتىپ تەييار ماي ئىستېمال بېجى نۆۋەتتىكى ئاساستا كىچىك كۆلەمدە ئۆستۈرۈلدى. بۇ-2009-يىلىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ تەييار ماي ئىستېمال باج سوممىسىنى تۇنجى قېتىم تەڭشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن باشقا، گازنى ئاز چىقىرىدىغان موتسىكلىت، ئاپتوموبىل چاقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت خىل مەھسۇلاتنىڭ ئىستېمال بېجىمۇ بۇ قېتىمقى تەڭشەش جەريانىدا بىكار قىلىندى.بۇ قېتىمقى سىياسەت تەڭشەشتە يەنە بەش خىل تۈردىكى ئىستېمال بېجى توختىتىلدى ۋە بىكار قىلىندى، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى گازنى ئاز چىقىرىدىغان موتسىكلىتنىڭ ئىستېمال بېجى بىكار قىلىندى. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە 103 مىليون موتسىكلىت بار، 250 مىللىلېتىردىن تۆۋەن گاز چىقىرىدىغان موتسىكلىت %85 ئەتراپىنى ئىگىلەيدۇ، ھېسابقا ئاساسەن، بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ھەر يىلى ئىستېمال بېجى بىر مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئازىيىدۇ.

  بۇندىن باشقا، ئېلىمىز نۆۋەتتە دۇنيادىكى 1-چوڭ نېفىت ئىمپورت دۆلىتى، نېفىتتا سىرتقا تايىنىش دەرىجىسى %60 كە يېقىنلىشىدۇ، نېفىت بايلىقىنى ئىزدەش تەننەرخى بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا، تەييار ماي ئىستېمال بېجىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش-يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا پايدىلىق.

  مالىيە مىنىستىرلىقى باج سىياسىتى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تەييار ماي ئىستېمال بېجىنى ئۆستۈرۈشتىن كەلگەن يېڭىدىن ئاشقان كىرىم ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ ئاساسلىقى مۇھىت بۇلغىنىشنى تۈزەش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ مالىيە مەبلىغىنى كۆپەيتىش، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە ئېنېرگىيەنى تېخىمۇ تېجەپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر