باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ دوكلاتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2014.10.27 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ۋە چىقىرىلغان ئورۇنلاشتۇرۇش جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، 4-ئومۇمىي يىغىندا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى قىزىق نۇقتىلىق، مەركىزىي نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەر چۆرىدىلىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇلدى، بۇ-دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگۈسى.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتى دەۋا تۈزۈمى ۋە ئەدلىيە ئىسلاھاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور چېن ۋېيدوڭ مۇنداق دېدى: قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشتىكى ئاچقۇچ-يۇقىرى ساپالىق قانۇن ئىجرا قوشۇنى قۇرۇپ، ئەدلىيە خادىملىرى كاپالەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت.

  جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ مىڭسو مۇنداق دېدى: بەزى جايلاردا 1-قول باشلىقلارنىڭ ھوقۇقى زىيادە مەركەزلىشىپ قالغان، ئامما قاتنىشىش، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش، خەتەرنى باھالاش، قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىش قاتارلىقلار مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىگە كىرگۈزۈلمىگەن. 4-ئومۇمىي يىغىندا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ناھايىتى ۋاقتىدا بولدى، بۇ ناھايىتى مۇھىم، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلغاندىلا، قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىغىلى بولىدۇ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرمەسلىك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك توسقىلى بولىدۇ.

  خېنەن يۈدا ئادۋوكاتخانىسىنىڭ ئادۋوكاتى جاڭ يەنگۇاڭ 4-ئومۇمىي يىغىن دوكلاتىدىكى ئەدلىيە ئادىللىقى ھەققىدىكى باياندىن چوڭقۇر تەسىرات ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەدلىيەنىڭ ئادىللىقى سوت ئورگانلىرى ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ سوتلاش ھوقۇقى ۋە تەپتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئادىل يۈرگۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئەدلىيە دېلولىرىغا ئارىلىشىشىنى توسىدۇ، بۇنداق بولغاندا پۇقرالارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ناھايىتى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، ئادۋوكاتلار رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

  نەنچاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2012-يىللىق قانۇنشۇناسلىق كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لەن رىشيەن مۇنداق دېدى: دېلو تۇرغۇزۇشتىن كېسىم چىقىرىشقىچە، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئاممىغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن پۇقرالارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاۋات ناھىيەلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرى زو خاۋمىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاممىغا بولغان قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ قانۇن، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ۋە ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئېڭىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيۈەن شەھىرى يۈەنجۇ رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىجى مۇنداق دېدى: بىز ئاساسىي قاتلامدىكى قانۇن خىزمەتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاكتىپ ئاتلىنىپ، قانۇننى تەشۋىق قىلىپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلىش شەرەپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش نومۇس دېگەن ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتىپ، ئومۇمىي خەلقنى سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر