باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگەندى

2014.10.27 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو كومپارتىيەسى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇق ئورگىنى سۈپىتىدە، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە مەجبۇرىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن، قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ئاكتىپ ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ خەلق قۇرۇلتىيى نازارەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، ھۆكۈمەت ۋە ئىككى مەھكىمىنىڭ قانۇننى كەسكىن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيەدە ئادىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيىتىنى قوغداش؛ ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش تەشۋىقىي-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات ھازىرلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر