باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما 4-ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2014.10.27 14:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى ئېلان قىلىنىشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئەربابلارنىڭ يۈكسەك دىققىتى ۋە كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

  داليەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاۋ جيەنۋېي مۇنداق دېدى: مەن ئىنتايىن روھلاندىم، ئومۇمىي يىغىندا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بايرىقى روشەن، ۋەزىپىسى كونكرېت، يول ۋە نىشانى ئېنىق ئىپادىلەندى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىپ، مۇكەممەل قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت ۋە قانۇن كاپالەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئومۇمىي يىغىندا جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولى پىلانلاندى.

  جۇڭگو سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما خۇەيدې 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشى، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باش نىشانى قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ-بىر يېڭىچە تەرىپلەش بولۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈردى ۋە بېيىتتى.

  پۇقراۋى كارخانا بولغان جياڭسۇ مىڭئەن ئېلېكتىرو چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ساۋ خوڭشىن مۇنداق دېدى: 4-ئومۇمىي يىغىن دوكلاتىدا بىر ناھايىتى پايدىلىق مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلدى، چۈنكى بازار ئىگىلىكىنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈشتە، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈپ شەرت، 4-ئومۇمىي يىغىندا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ-بازار ئىگىلىكىنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئاساسىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ ئادىل مەۋجۇتلۇق ماكانىغا ئىگە قىلىدۇ. بۇ-كارخانىچىلار بەك تەقەززا بولغان ياخشى ئىش.

  46 ياشلىق جۇاڭزۇ دېھقان ۋېي داشىڭ-گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى لەيبىن شەھىرى ۋۇشۈەن ناھىيەسى خۇاڭماۋ بازىرى گېنسۈن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى، ئۇ ئومۇمىي يىغىن دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مېنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان چۈشەنچەمنىڭ تۈپ يىلتىزى شۇكى، بىز ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. چوڭى دۆلەتتىن كىچىكى كەنتلەرگىچە، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئىنتايىن مۇھىم. قانۇنى ئادىل ئىجرا قىلىپ، نازارەتنى چىڭىتقاندىلا، ئاندىن ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر