باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىمزالىق ماقالە: دالاينىڭ ئاتالمىش «كەلاچاكرا ۋاجرا دەرمە يىغىلىشى»نىڭ كۈچلۈك ۋە پاك ماھىيىتى

2014.07.08 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاتالمىش «كەلاچاكرا» (زامان ۋە سامسارا)، بۇددا دىنى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئالەم ۋە ھاياتلىقنىڭ زامان داۋامىدىكى ھايات-مامات قانۇنىيىتى ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىستىقامەت ئۇسۇلى ۋە ئاداققى مەقسەتنى كۆرسىتىدۇ. كەلاچاكرا ۋاجرا تىبەت بۇددىزمى مەخپىيەت مەزھىپىنىڭ ئانۇتتارا يۇگادىكى بەش چوڭ ئىلاھىنىڭ بىرى بولۇپ، مانجۇشىرى بۇدساتۋانىڭ يارالمىشى دەپ قارىلىدۇ. بۇددا دىنىدا جانلىقلار ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىن ئىبارەت «ئۈچ زامان»نىڭ سامسارا كۈلپەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، مۇشۇ ئىلاھقا تىۋىنىپ ئىستىقامەت قىلسا، ئۇزۇن ئۆمۈرگە ۋە بۇددالىق مەقامىغا يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ساكيامۇنى بۇددا دىنىنى ياراتقاندىن كېيىن، شاڭبالا پادىشاھى قاتارلىق خاقانلارىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، بېنگالنىڭ جەنۇبىدىكى شىرناگجاگا مۇنارى ئالدىدا كەلاچاكرا سۈرىتىدە زاھىر بولۇپ، ۋاجرا شاگىرتلارغا «كەلاچاكرا سۇتراسى داۋامى. 12 مىڭ مەدھىيە» دىن تەلىم بەرگەن ھەمدە ئابھىشەكا مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن مەخپىي دەرمەلەرنى زاھىر قىلغان، شۇ ئارقىلىق كەلا چاكرا ۋاجرا دەرمە يىغىلىشىنىڭ باشلاپ بەرگەن. بۇددا دىنىدا، كەلاچاكرا ۋاجرا دەرمە يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ كەلا چاكرا ۋاجرا دەرمەسىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، جانلىقلار ئاخىر زاماننىڭ كەلكۈن، ئوت ئاپىتى، كېسەللىك، ئۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئاپەتلىرىدىن خالاس بولۇپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ زىيىنىنى يېڭىپ، ئاب-ھاۋا ياخشى بولغان، زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان، تىنچ-بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى ھەمدە سامسارادىن قۇتۇلۇپ، ئاداققى كامالەتكە ئۇلاشقىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر