باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نوسۇكى ساساكې جىنايىتىنى ئېتراپ قىلدى

2014.07.08 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزى ئارخىپخانىسى 6-ئىيۇل «ياپونىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش جىنايى قىلمىشى ئىقرارى»نى داۋاملىق ئېلان قىلدى، ئىقراردىن ئايان بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 39 دېۋىزىيەسىنىڭ كوماندىرى گېنېرال لېيتنانت نوسۇكى ساساكې 18-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بەش قېتىم جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئۇ ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلغان.

  ئىقراردا ئايان بولۇشىچە، 1945-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە نوسۇكى ساساكې خۇبېيدا ئۆزىگە قاراشلىق قىسىمنىڭ رەھىمسىز ۋاسىتىلەر بىلەن شۇ جايدىكى پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشىگە قوماندانلىق قىلغان، يول ياساش قاتارلىق ئىشلارغا قاتناشقان نۇرغۇن ئاممىنى ئۇرغان ۋە خورلىغان، نۇرغۇن جۇڭگو ئاياللىرىغا ھاقارەت قىلغان، تۇرۇشلۇق جايىدا ئاشلىق بۇلىغان.

  ئىقراردا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: نوسۇكى ساساكې خۇبېيدىكى بىر ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار ئورنىدا جۇڭگولۇق نەچچە ئون ئايالنى كۆرگەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياپونىيە مىلىتارىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى سەۋەبلىك، قىيىن تۇرمۇشقا مۇپتىلا بولۇپ، مەجبۇرىي پەسكەش كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا يىغىۋېلىنغان ھەمدە ئۇ بۇلارنىڭ تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگولۇق ئاياللارغا مەجبۇرىي ھاقارەت قىلغان زور جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

  ئۇندىن باشقا نوسۇكى ساساكې يەنە ئىقرارىدا ئۆزىنىڭ جۇڭگوغا مەدەنىيەت تاجاۋۇزى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئىلگىرى خۇبېي قاتارلىق جايلاردا گېزىت تارقاتقان ھەمدە مەكتەپ ئېچىپ ياپون تىلى ئۆگەتكەن. جۇڭگو خەلقىگە ياپونىيە ئارمىيەسى جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ، ياپونىيە ئارمىيەسى ھەمدە قورچاق نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭلا بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭلار دېگەندەك سەپسەتىلەرنى تارقاتقان.

  مەركىزىي ئارخىپخانا 3-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۇددا 45 كۈن دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى تورىدا جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئىقرارىنى ئېلان قىلىپ، پاكىتلار ھەمدە ھەقىقىي ئەھۋاللار ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارنى ئەسكەرتتى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر